ئامېرىكىدا بىر خىتاي پۇقراسىغا سەككىز يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ياشايدىغان بىر خىتاي پۇقراسى شىمالىي كورېيەگە جەنۇبىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قورال ۋە ئوق-دورا يوللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

لوس ئانژېلېس رايونلۇق سوتنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىغا 2012-يىلى ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن كېلىپ، كېيىن دۆلەتتە قانۇنسىز تۇرۇپ قالغان 42 ياشلىق ۋېن شېڭخۇا ئىسىملىك خىتاي ھەققىدە قارار چىقىرىلغان.

باياناتتا ۋېننىڭ ئىلگىرى جەنۇبىي كورېيەگە «تۇيۇقسىز ھۇجۇمدا» ئىشلىتىلىش ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە قورال ۋە ئوق-دورا يوللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ۋېننىڭ «قانۇنسىز ۋە چەت ئەلنىڭ جاسۇسى بولۇپ ھەرىكەت قىلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل جىنايەتلەر سەۋەبلىك، سەككىز يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەيىبنامىگە ئاساسلانغاندا، ۋېن ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارغا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن خىتايدىكى ئەلچىخانىدا شىمالىي كورېيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىدىن شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىگە قورال تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋېن ئۆز مەشغۇلاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە 2023-يىلىدا فېدېراتىپ قورال رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن تېكساس ئىشتاتىدا 150 مىڭ دوللارغا بىر ئىش ئورنى سېتىۋالغان ۋە ئۇنى شېرىكىنىڭ نامىغا ئەنگە ئالدۇرغان ۋە تېكساس ئىشتاتىدا سېتىۋالغان قوراللارنى ھۆججەتلەردە توڭلاتقۇ ۋە كامېرا پارچىلىرى دەپ كۆرسىتىپ، كالىفورنىيەگە ئېلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋېننىڭ لوس ئانژېلېستىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تەكشۈرۈشتە نۇرغۇن قورال، ئوق-دورا، خىمىيەلىك تەھدىت بايقاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى تاپقان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 118 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2025 18:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق