تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە قايىل بولغان ياپونىيە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەن تەھدىتىگە قارشى بايراقدارTB2 گە يۈزلەندى. بۇ خۇسۇستا ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولغان ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانى تۈركىيەگە بۇ تۈردە رەسمىي زىيارەت قىلغان تۇنجى ياپون مۇداپىئە ۋەزىرى بولدى.
دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنىڭ يېقىندىن قىزىقىشىنى قوزغىغان مەزكۇر زىيارەتتە ياپونىيە ۋەزىرىنىڭ بايكار ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە. يېقىنقى يىللاردا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈرك مۇداپىئە سانائىتىنى باھالايدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىزدەۋاتقان ياپونىيە ئۈچۈن ئەنقەرەنىڭ «ئىشەنچلىك ھەمكار» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئەنقەرەدە ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانىنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالغان بولۇپ، تارىختا تۇنجى قېتىم ياپون مۇداپىئە ۋەزىرىنىڭ تۈركىيەگە رەسمىي زىيارەت قىلىشى ۋە كۈنتەرتىپنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيادا كۈچەيگەن ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بايراقدار TB2 مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بولۇشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ياپونىيە سەھنىدە ئۆزىنى ئىسپاتلىغان ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن رەقىبلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغان بايراقدار TB2 نىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئافرىقىدىكى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە قايىل بولغان بولۇپ، تۈركىيەدىن بۇ ئايروپىلانلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىماقتا.
ياپون ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەمىنلەش ئۈچۈن مىليونلىغان دوللار خامچوت ئايرىغان ياپونىيە تۈركىيەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەمىنلىگۈچى نامزاتلىرىدىن بىرى دەپ قارايدىكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن دۇنيادىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتىغا پاراللىل ھالدا ياپونىيەلىك دوستلىرىمىز بىلەن بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ھەرقانداق ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ھەرخىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن. ھۆرمەتلىك ۋەزىر بىلەن بىللە بۇ تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ھەرخىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز» دېدى.
نۆۋەتتە بايراقتار TB2 قاتار، لىۋىيە، ئۇكرائىنا، ئەزەربەيجان، ماراكەش، ئېفىيوپىيە، بۇركىنا فاسو، نىگېرىيە ۋە ئالبانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت تەرىپىدىن ئاكتىپ ئىشلىتىلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر