خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا قورال كىرگۈزۈلۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال كونترولى، قورالسىزلاندۇرۇش ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك بۆلۈمى قوشۇمچە كاتىپى باش ئەلچى تاھىر ئەندرابى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال كونترولى بۆلۈمى باش مۇدىرى سۇن شىياۋبو بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈش پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى قورال كونترولى، تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىلىرىدىكى 10-قېتىملىق ئىككى تەرەپلىك مەسلىھەتلىشىش يىغىنى ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

خەۋەردە تەرەپلەرنىڭ دۇنيا ۋە رايونلۇق تىنچلىق بىلەن بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە كەڭ كۆلەملىك پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى، بۇنىڭدىن تاشقىرى جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تاھىر ئەندرابى يەنە خىتاي قورالسىزلاندۇرۇش ۋە قورال كونترولى جەمئىيىتى (CACDA)  تەشكىللىگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا دىپلوماتلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاكادېمىكلار بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئاتالمىش بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە ئۆتكۈزگەن بارلىق كۆرۈشۈشلەردە ۋە تۈزۈلگەن ئىتتىپاقلاردا ئاساسلىق مەقسەتنىڭ رايوندىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن شەرقىي تۈركىستانغا سىڭىپ كىرىشنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى تۈرلۈك جەھەتتىن چاڭگىلىغا كىرگۈزۈپ بولغان بولۇشىغا قارىماي، ھېلىھەم ئەڭ كۆپ ئەنسىرەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستانغا چېگراداش دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 63 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2025 18:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق