ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى 2022-يىلى 6-ئايدا رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، كىيىم-كېچەك، پاختا، پەمىدۇر ۋە كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قانۇننىڭ چەكلەش دائىرىسى پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىغىچە كېڭەيتىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 19-ئاۋغۇستX ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان پولات-تۆمۈر، مىس، لىتىي، ناترىي گىدروكسىد ۋە چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئالدىنقى قاتاردا تەكشۈرۈلىدىغان مەھسۇلاتلار قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بولغان تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى قاتتىق تەكشۈرىدىكەن.
دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى كىرىستى نوم ئۆزىنىڭX ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «قۇل ئەمگىكىدىن پايدىلىنىش يىرگىنچلىك ئىش. بىز خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ تەرەققىياتىمىزغا كەلتۈرىدىغان تەھدىتىنى يوقىتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» 2022-يىلى 6-ئايدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 16700 تۈركۈمدىن ئارتۇق ئىمپورت مالنى تەكشۈرگەن. بۇلارنىڭ قىممىتى 3.7 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.
بۇلاردىن سىرت، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن، تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولغان 144 شىركەت، ئورگاننى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ ئىجرا دائىرىسى دەسلەپتە كىيىم-كېچەك، پاختا، پەمىدۇر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرى» تىزىملىكى بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئاستا-ئاستا كېڭەيتىلمەكتە.