خىتاي بوسنىيەدە قازا قىلغان ئۇيغۇرنىڭ ئىسلامىي دەپنە قىلىنىشىغىمۇ يول قويمىغان

بۇ يىل ماي ئېيىدا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا تۇيۇقسىز قازا قىلغان ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ ئۆلۈمى ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قول تىقىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. يېقىندا ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئارىلىشىشى بىلەن دىنسىزلار قەبرىستانلىقىغا ئۈن-تىنسىز كۆمۈۋېتىلىشى ۋە قەبرىسىگە خىتايچە تەلەپپۇزدىكى ئىسمىنىڭ يېزىلىشى يەنە بىر قېتىم غەزەپ-نەپرەت قوزغىدى.

ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى گۇمانلىق ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇنىڭ مېيىتى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بېسىمى بىلەن ئىككى ئايدىن بۇيان جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ساقلىنىپ تۇرغانىدى.

ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى 20-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىشلىگەن بولۇپ، ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ سارايېۋودىكى ۋىلاكوۋو قەبرىستانلىقىغا ھېچقانداق دىنىي قائىدىلەرسىز جىمجىت كۆمۈۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قەبرىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئەمەس ئىكەن. كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا، ئۇنىڭ قەبرە تاختىسىغا خىتايچە تەلەپپۇزدىكى «ئەيخەيتى» دېگەن ئىسىم يېزىپ قويۇلغان.

خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋە ئىسلامىي يوسۇندا دەپنە قىلىشقا توسالغۇ بولغانلىقى، ئىككى ئايدىن ئارتۇق جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ساقلىغاندىن كېيىن، «پوكوپ» ئىسىملىك بىر دەپنە شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، بىر كۈندىن كېيىن ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ مېيىتىنىڭ شىركەت ئىشچىلىرىدىن باشقا ھېچكىم قاتناشمىغان ھالدا ئۈن-تىنسىز كۆمۈۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ گۇمانلىق ئۆلۈمى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان بولۇپ، خۇسۇسەن چېگرا ھالقىپ باستۇرۇش، ئىسلامىي يوسۇندا دەپنە قىلىشقا ئوخشاش پۈتۈن دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، ئۇيغۇرچە ئىسىم-فامىلىسىنى توغرا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى چەكلەش قاتارلىق بىر تۈركۈم ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.

بۇ خەۋەر 378 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2025 12:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق