تۈركىيەدىكى پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تۈركۈم تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا، 23-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن ئۈچۈن دېڭىز يۈرۈشى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللەشكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان مەزكۇر نامايىشتا پىلاكاتلار ئېسىلغان ئونغا يېقىن پاراخوت ئىستانبۇلنىڭ قاراكۆي پورتىدىن يولغا چىقىپ، دېڭىزدا بىر نەچچە سائەت بىرلىكتە يۈرۈش قىلدى. بۇ جەرياندا نامايىشقا ئىشتىراك قىلغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، زۇلۇمغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى.
نامايىش جەريانىدا يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى سۆز قىلىپ، ئىككى خەلق باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ۋە دەۋا يولىدىن ۋاز كەچمەسلىك، ئۈمىدسىزلەنمەسلىك توغرىسىدا قىسقىچە سۆز قىلدى.
نامايىشتا پاراخوتلار مەشھۇر قىز قەلئەسى ئەتراپىغا يىغىلىپ، گۈدۈك چېلىپ ۋە مەشئەل يېقىپ، زۇلۇمغا قارشى ئورتاق مەيدانىنى ئىپادىلىدى.