24-ئاۋغۇست 2-قېتىملىق «ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى» پائالىيىتى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازىم ئۆزئالىپ باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پائالىيەتكە يەنە پارلا ئىنگلىز تىلى،UyghurSTEM قاتارلىقلار ئاۋاز قوشتى.
مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەھەللە ئويۇنلىرى ئۆسمۈرلەرگە تونۇشتۇرۇلدى. مەيداندا تۈرلۈك ئويۇنلار ئۈچۈن ئايرىم قىسىم ئايرىلغان ۋە ئويۇن لازىمەتلىكلىرى تەييارلانغان بولۇپ، پائالىيەتكە كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر چەمبەر، دۈم-دۈم، بەش تاش، تۆتقۇلاق، سەككىز ئۆي، تەپكۈچ، چامغۇر يۇلۇش، ئارغامچا سەكرەش، رېزىنكە ئاتلاش، ئاق تېرەك-كۆك تېرەك، قارا قارا قۇشلارىم، ياغلىق تاشلاش، گاگار-كالتەك قاتارلىق 30غا يېقىن ئەنئەنىۋى ئويۇننى ئويناپ، خۇشاللىققا چۆمدى.
پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر يەنە تۈرلۈك ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە تاتلىق-تۈرۈملەرگە ئېغىز تەگكەندىن سىرت، ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرى خاتىرىلىنىپ، مەلۇم سانغا يەتكەنلەرگە ئويۇنچۇق ھەدىيە قىلىندى.
نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەز ئۆزئۇيغۇر خانىم ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويغان مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئۆز كىملىكىنى، ئەنئەنىلىرىنى، ئانا تىلىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىقىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى جەم قىلغان بۇ پائالىيەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بىر قىسىم ئۆسمۈرلەرمۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى خۇشال بىر كۈننى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.