خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن چەت ئەللىك تور مەشھۇرلىرىنى ئىشقا سالدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن ساختا تەشۋىقاتلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىش نامىدا ساختا تەشۋىقاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى. يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر تۈركۈم تور مەشھۇرلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا چاقىرىپ، ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشقا سالغان خىتاي رېجىمى يەنە ياۋروپا ئەللىرىدىن بىر تۈركۈم تور مەشھۇرلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا توپلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا تارقىتىش مەركىزى» بىلەن تەڭرىتاغ تورى ھەمكارلىشىپ، ئاتالمىش «تور مەشھۇرلىرىنىڭ شىنجاڭ تۆت پەسىل ساياھىتى ئىككىنچى پەسلى» نامىدا پائالىيەت تەشكىللىگەن. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، رۇسىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 16 تور مەشھۇرى ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئالدىن تەييارلانغان ساختا مەيدانلارنى سۈرەتكە تارتىپ، تۈرلۈك قىسقا ۋىدىيولارنى ئىشلەپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان.

خىتاي ئالدىنقى ئايدىمۇ 40 تىن ئارتۇق خىتاي تور مەشھۇرىنى «خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن قىياپىتى» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا يىغىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «نەتىجىلىرىنى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشى»نى بايان قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

خىتاينىڭ چەت ئەللىك ياللانما تور قوشۇنى ئارقىلىق ساختا تەشۋىقاتىنى تارقىتىشى ۋە جامائەت پىكىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇ قىلمىشى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئونلىغان چەت ئەللىك تور مەشھۇرىنى پاش قىلغانىدى. دوكلاتتا بۇ شەخسلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلايدىغان، پەردازلايدىغان ۋىدىيو ياكى باشقا تۈردىكى مەزمۇنلارنى تارقاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 131 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2025 21:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق