شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەزا تەشكىلاتى بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە سايلام يىغىنى 2025-يىلى 16-ئاۋغۇست جەمئىيەتنىڭ فاتىھ رايونىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى.

سايلام يىغىنىغا جەمئىيەتنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرى تولۇق قاتناشقان بولۇپ، يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە سايلام جەمئىيەت نىزامنامىسىغا ئۇيغۇن تەرىقىدە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان يىغىندا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ئالىي شۇرا ھەيئىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. كېيىن سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ باشچىلىقىدا ئۈچ كىشىلىك سايلام كومىتېتى قۇرۇلدى.

يىغىندا سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن سايلام قائىدىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن، ئەركىن ۋە مەخپىي بېلەت تاشلاندى. سايلام كومىتېتىنىڭ بېلەتلەرنى ساناپ چىقىشى نەتىجىسىدە، مۇساجان ئەر، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر،  پىروفېسسور، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، تۇردى سىدىقئوغلى (مۆمىنجان)، ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى (نېمەتۇللاھ ھاجىم)، ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپقان يېڭى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىقىغا سايلاندى.

ئارقىدىن سايلانغان يەتتە كىشى ئايرىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋە مالىيە مەسئۇللىرىنى سايلاپ چىقتى. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە مۇساجان ئەر، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، باش كاتىپلىققا ئابدۇسالام تەكلىماكان، مالىيە مەسئۇللۇقىغا تۇردى سىدىقئوغلى سايلاندى. پىروفېسسور، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ۋە ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى قاتارلىقلار ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. تەپتىش ھەيئىتى ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، باش مۇپەتتىشلىككە دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا سايلاندى. دوكتور ئەلى روزى ئۆزئۇيغۇر ۋە مەردان ئۇيغۇر تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن، يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان مۇساجان ئەر باشچىلىقىدىكى بۇ يەتتە كىشىلىك ئىدارە ھەيئەت 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە رەسمىي تۈردە ۋەكىللىك قىلىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.

29-، 30-ئىيۇل كۈنلىرى ئىستانبۇلدا مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلىپ، 11 كىشىلىك ئالىي شۇرا ھەيئىتى سايلاپ چىقىلغانىدى ۋە مەزكۇر شۇرا ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ ئالىي قارار ئورگىنى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

2-ئاۋغۇست بولسا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئومۇمىي سايلام يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىنىڭ رەئىسلىكىدىكى توققۇز كىشىلىك ئىدارە ھەيئەت يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغانىدى.

 

 

بۇ خەۋەر 196 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2025 12:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق