جازا تىزىملىكىدىكى خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى دىققەت قوزغىدى

بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ «قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ ھەرىكىتى دىققەت قوزغىدى.

بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورگان تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى 25-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇنىۋېرسىتېت ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالغان ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمغا قاتناشقان.

مۇراسىمدا بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «كوئېنلون ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر تەجرىبىخانىسى»نى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى، بۇ پىلاندا چوڭ تىپتىكى ئادەمسىز قاتناش ۋە تاشيول تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ساھە بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە، شۇنداقلا مائارىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەسسە قوشىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى يەتتە نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى بولغان بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ ئاۋىياتسىيە، سۈنئىي ئەقىل ۋە ھەربىي تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئورگانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى 2001-يىلىدىلا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە تاشقى سىياسىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان خىتاي ئورگانلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. كانادا ھۆكۈمىتىمۇ بۇلتۇر يانۋار ئېيىدا خىتاينىڭ 85 تەتقىقات ئورگىنىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قاراپ «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزگەندە، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغانىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت-ئىنستىتۇتلىرى تۈرلۈك تېخنىكىلار، ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. چىراي تونۇش، سۈنئىي ئەقىل ئانالىزى، گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلاش... قاتارلىقلار بۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەربىي سانائەت ۋە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا تەجرىبىخانا قۇرۇش پىلانى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 102 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2025 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق