قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر مەسچىت قەھۋەخانىغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىدە ئون نەچچە مىڭ مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن ۋە ياكى قەھۋەخانا، مەيخانىلارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، يېقىندا تارقالغان بىر سىن قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قەھۋەخانىغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاينىڭ دوۋيىن سۇپىسىدا ئىككى كۈن بۇرۇن تارقىتىلغان بىر سىندا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كونىشەھەر رايونىغا جايلاشقان يېڭى بازار مەسچىتى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىندىكى كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەسچىتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى، قۇببىلىرى، ئىشىكلىرى ساقلاپ قېلىنغان، ئەمما ئىچكى قىسمى پۈتۈنلەي قايتا ئۆزگەرتىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان قەھۋەخانىغا ئايلاندۇرۇلغان.

بۇ مەسچىتنى بىلىدىغان شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەسچىت 2013-يىلى يېڭىلاپ سېلىنغان بولۇپ، ئورنى قاراقاش چوڭ جامەسىگە ۋە بۇلاق كەچلىك بازىرىغا يېقىن ئىكەن. ئۇندىن باشقا، مەسچىتنىڭ ئەتراپىدا چوڭ بىر قەبرىستانلىق بار بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، قەبرىستانلىقمۇ ئاللىبۇرۇن تۈزلىۋېتىلگەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا مەزكۇر مەسچىت جايلاشقان كوچىنى قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلار بىلەن يېڭىدىن ياساپ چىققان بولۇپ، «قاراقاش قەدىمىي شەھىرى» دەپ نام بەرگەن ۋە قاراقاشتىكى نۇقتىلىق ساياھەت رايونىغا ئايلاندۇرغان. مەزكۇر مەسچىت ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ۋە ساختا تەشۋىقات ئۈچۈن چېقىلماي قالدۇرۇپ قويۇلغان بولسىمۇ، ئىبادەت پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان بىر قەھۋەخانىغا ئايلاندۇرۇلغان. بۇلاردىن سىرت، مەسچىتنىڭ ئالدىمۇ ساختا تەشۋىقات ئۈچۈن ۋىدىيولار ئىشلىنىدىغان، سۈرەتكە چۈشىدىغان نۇقتىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي يېقىندا پىلانلىق تەكلىپ قىلغان چەت ئەللىك ياللانما تور مەشھۇرلىرىنىڭ مەزكۇر مەسچىت ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ، ۋىدىيو ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالماقتا.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 2020-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ تەخمىنەن 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ياكى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققانىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان بىر قىسىم سىنلار بۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللىمەكتە.

بۇ خەۋەر 203 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2025 17:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق