شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، تېررور سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بۇ ھەپتە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى» خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق دۆلەت، رايوننىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-ئاۋغۇست «يېڭى ۋەزىيەتتە يەر شارى مىقياسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش: رايون ۋە خەلقئارالىق مەسئۇلىيەت» تېمىسى بويىچە 3-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى» خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ۋە خىتاينىڭ تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا رۇسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتلىرىدىن يۈزگە يېقىن كىشى ئېچىلىش مۇراسىمى، مۇنبەر ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
خىتاي يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇق» ئۆسۈپ يېتىلىدىغان تۇپراقنى يوق قىلىشى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق مۇداپىئە سىزىقىنى مۇستەھكەملىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق سۇپىلارنى ياخشى ئىشلىتىپ ھەمكارلىشىشى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى زۆرۈر مەسىلىلەر ۋە يېڭى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.
خەۋەردە مۇنبەرگە قاتناشقانلارنىڭ ھەر بىر دۆلەت ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىشى، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىقى، تېررورلۇقنى مەخسۇس دۆلەت، مىللەت ۋە دىن بىلەن باغلىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» تەجرىبىلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆگىنىشىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئاتالمىش «تېررولۇققا قارشى تۇرۇش»نى باھانە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سىستېمىلىق تېررور سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىننىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلۈشى خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى پەردازلاشتا، ئىنكار قىلىشتا ۋاسىتە تاللىمايدىغان ۋەھشىيانە يۈزىنى كۆرسىتىپ بەردى.
دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ قوللىشى ۋە خىتاي خەلقئارالىق مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلەر كېڭىشىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەلى راشىد نۇئەيمىن باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلەر كېڭىشى» مەزكۇر يىغىندىن سىرت، يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجراچىلىرى بىلەن مەخسۇس كۆرۈشۈپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى»گە بېرىپ يىغىن ئۆتكۈزگەن ۋە شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار مەسچىتىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئىسلامىي مىراسلارنى قوغدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلەر كېڭىشى» 2023-يىلى 1-ئايدىمۇ كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىن باشچىلىقىدا زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بارغانىدى ۋە ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، «مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقانلىقى»غا ئوخشاش خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغانىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ نومۇسسىز قىلمىشى پۈتۈن دۇنيادا كۈچلۈك غەزەپ ۋە نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 30 دىن ئارتۇق نوپۇزلۇق ئۆلىما ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىستانبۇلغا يىغىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ئورتاق بايانات ئېلان قىلغانىدى. 50 نەچچە تەشكىلات ئىمزا قويغان مەزكۇر باياناتتا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە ماسلاشقان ئەلى راشىد نۇئەيمىن باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلەر كېڭىشى»نىڭ ئىسلام دۇنياسىغا، مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆلىما دېگەن نامغىمۇ لايىق ئەمەسلىكى، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى، ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەنىدى.