خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى كۆپلەپ تەكىتلەۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر قېتىملىق ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قوراللىق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم چېگرا رايونىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە چۆچۈتۈش − 2025» نامىدا بىرلەشمە قوراللىق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن. مانېۋىرغا خىتاينىڭ ئارمىيە، ساقچى، دىۋىزىيە قىسىملىرىدىن 1700 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتۇرۇلغان. چېن شياۋجياڭ، چېن مىڭگو، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى مانېۋىرنى كۆرۈشكە قاتناشقان. خىتاي خەۋەرلىرىدە قوراللىق مانېۋىرنىڭ ئېنىق ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەردە بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ سىرتتىن كىرىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى خەۋپ-خەتىرىنى تىزگىنلەش، ئەمەلىي جەڭگە تەشكىللەش، قوماندانلىق ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، ھەرقايسى قىسىملارنىڭ بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
مانېۋىردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېگرا لىنىيەسىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندە قىلىشقا قايتۇرما زەربە بېرىش، چېگرا ئېغىزىدا سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، ئېگىزلىك تاغلىق رايونلىرىدا تازىلاش، زەربە بېرىش، چېگرادىكى نۇقتىلىق نىشانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتىن مۇداپىئەلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلەر ئىجرا قىلىنغان.
ئوخشاش كۈندە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرى»نى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. يىغىندا چېن شياۋجياڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا نىسبەتەن بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننىڭ بىرى ئىكەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي بۇ يىل 28-ئاپرېلدىمۇ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قوراللىق مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى، چېگرا قىسىملىرى، دىۋىزىيە قىسىملىرى قاتارلىقلاردىن 4000 ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغانىدى. خەۋەرلەردە ئەينى ۋاقىتتىكى مانېۋىرنىڭمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشكەنلىكى، شۇنداقلا چەت ئەلدىن كىرگەن ئاتالمىش «تېررورلۇق كۈچلىرى»دىن مۇداپىئەلىنىش تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.
خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، خۇسۇسەن «سىرتتىن كىرگەن تېررورلۇق كۈچلىرى خەۋپى» ئىبارىسىنى كۆپلەپ تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا.