خىتايدا تارقالغان ۋابا كېڭىيىشكە باشلىدى

خىتايدا تارقالغان ۋابا كېڭىيىشكە باشلىدى

19-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلدا چۇما كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئۈچىنچى كىشى بايقىلىپ، خىتاينى ئالاقزادە قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا ئىككى كىشىنىڭ چۇما كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، 19-نويابىر يەنە ئىچكى موڭغۇلدا يۇقۇملانغان يەنە بىر كىشىنىڭ بايقالغانلىقى، ئۇندىن باشقا يەنە 28 كىشىنىڭ يېنىك يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك بالنىستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
چۇما كېسىلى چاشقان ئۆپكە ۋاباسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ چۇما تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئادەتتە يۇقۇملانغان بىماردا قىزىتمىسى قاتتىق ئۆرلەش، دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ۋاقتىدا داۋالانمىغاندا ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر بۇ كېسەلنى «قارا ئۆلۈم كېسىلى» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ خىل ۋابا 14-ئەسىردە ياۋروپا قىتئەسىدە تارقالغان بولۇپ، نەچچە مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئۇندىن باشقا بۇ خىل كېسەل بۇرۇن خىتاينىڭ سەنشى ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدىمۇ تارقالغان.

بۇ خەۋەر 1416 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2019 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق