قازاقىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سودا مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، 2024-يىلى قازاقىستان بىلەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سودا مىقدارى %20.5 ئاشقان.

قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە قازاقىستان سودا ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئارمان شاققالىيوف ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بېرىپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۆرۈشكەن ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

ئارمان شاققالىيوف قازاقىستان بىلەن ئورتاق چېگراغا ئىگە بولغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، 2024-يىلى قازاقىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سودا كۆلىمىنىڭ %20.5 ئېشىپ، 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە رېكورت يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ئارقىلىق، قازاقىستان بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەرەققىيات يول خەرىتىسىنى تۈزۈش توغرىسىدا كېلىشىم قىلغانلىقى، بۇ ھۆججەتنىڭ تاۋار تەمىنلىگۈچىلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا، دەسلەپكى مەھسۇلات بولمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە رايونلار ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە خىتاي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي تەسىرىنى زورايتىشقا ئالاھىدە كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك ساھەلەردىكى سودا كېلىشىملىرى، دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى داۋاملىق كۆپەيگەن. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا تەنقىدكە ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قانغا بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ياۋروپاغا، تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە توسالغۇسىز ئاقماقتا.

بۇ خەۋەر 141 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2025 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق