ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تىبەتتە قۇرۇشنى پىلانلىغان غايەت زور سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرغاق پەسىلدە بىراھماپۇترا دەرياسىنىڭ ئېقىمىنى %85 گىچە تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن تۆت مەنبە ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە مەخپىي ئانالىز يېڭى دېلھىنىڭ بۇ سەۋەبتىن بۇ پىلانىنى تېزلەشتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ھىندىستان 2000-يىللىرى بېشىدىن باشلاپ تىبەتتىكى ئانگسى مۇز تېغىدىن چىققان سۇنىڭ ئېقىمىنى كونترول قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ مەنبە خىتاي، ھىندىستان ۋە بېنگالدا 100 مىليوندىن كۆپ ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئەمما ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئارۇناچال پرادېش ئوبلاستىدىكى خەلق ئۆز يېزىلىرىنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىشى ۋە تۇرمۇشىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ پىلان تۈرىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.
دېكابىر ئېيىدا خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسىنىڭ ھىندىستانغا كىرىشتىن بۇرۇنقى چېگرا رايونىدا قۇرۇشنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ ئېلان يېڭى دېلھىدە ھەم سۇ بىخەتەرلىكى، ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈك جەھەتتىن چوڭ ئەندىشە پەيدا قىلغان. چۈنكى خىتاي ئارۇناچال پرادېش ئۈستىدە ئىگىدارلىق تەلىپىنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ماي ئېيىدا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر شىركىتى NHPC ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەزكۇر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش رايونىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنى باشلىغان. بۇ پىلان تاماملانسا، ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولىدىغان بولۇپ، باش مىنىستىر نارېندرا مودىنىڭ ئىشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن بۇ يىل بىر قانچە قېتىم يىغىن ئۆتكۈزگەن.
ھىندىستان تەرەپنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سۇ توسمىسى يىلدا 40 مىليارد كۇب مېتىر سۇنى باشقىچە يۆنىلىشكە ئەكېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ مىقدار يىللىق سۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ بولسا قۇرغاق پەسىللەردە ھىندىستاننىڭ دېھقانچىلىق ۋە سانائەت ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستاننىڭ بۇ سۇ توسمىسى بېيجىڭ تەرەپنىڭ تۇيۇقسىز ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۇ قويۇپ بېرىشىگە قارشى بىر تەڭشەش رولىنىمۇ ئوينايدىكەن. ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، سۇ توسمىسىنىڭ دائىم %30 بوش ھالەتتە تۇتۇلۇشى بۇ خىل خەتەرلەرنى ئازايتىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنىڭ كونكرېت ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئۆتكەنلىكىنى ۋە تۆۋەن ئېقىن رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سۇ بايلىقى، ئېكولوگىيەسى ياكى يەرشارى قۇرۇلمىسىغا زىيان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
ھىندىستان تەرەپ بولسا بۇ توغرۇلۇق پىكىر بىلدۈرۈش ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار 18-ئاۋغۇست ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتا بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر