تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارىغا ئاساسەن، خىتاي ۋە مىسىردا ئىشلەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ناھەق رىقابەت تەكشۈرۈشى باشلاش قارار قىلىندى.
بىركۈن گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋە مىسىردا ئىشلەنگەن بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى مەھسۇلاتلارغا قارشى سۇنۇلغان ئىلتىماسقا ئاساسەن، خىتاي ۋە مىسىر مەنبەلىك 70.13 تاموژنا بېجى دائىرىسىگە كىرىدىغان ئاشخانا، مۇنچا، ئىشخانا، ئۆي بېزىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان قۇتا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ناھەق رىقابەت تەكشۈرۈشى باشلانغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ناھەق رىقابەت تەكشۈرۈشى باشلاش ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇچۇر، ھۆججەت ۋە دەلىللەرنىڭ بارلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئىمپورتتا ناھەق رىقابەتنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن خىتاي ۋە مىسىردا ئىشلەنگەن مەزكۇر مەھسۇلاتلارغا نىسبەتەن نىزامنامىنىڭ 20-ماددىسى بويىچە ناھەق رىقابەت تەكشۈرۈشى ئېچىش قارار قىلىنغان.
تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىش بولۇپ، خىتاي بىلەن مىسىرنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ بازىرىنى بېسىۋېلىش، يەرلىك رىقابەتچىلەرنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلىدىكەن. ئەگەر ئىسپاتلانسا، يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارشى قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلىدىكەن.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي رېجىمىنىڭ خىتايدىكى شىركەتلەرنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشى ئارقىلىق، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئەرزان باھالىق ماللار بىلەن بېسىپ كىرىپ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپىرىۋاتقانلىقى ۋە ناھەق رىقابەت شەكىللەندۈرۈپ، بازارنى مونوپول قىلىۋاتقانلىقى كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان ۋە قاتتىق ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، خىتاي رېجىمى ھېلىھەم بۇ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلماقتا ۋە بۇنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتلەرنى خىتاينى كۆرەلمەسلىك بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر