شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 31-ئاۋغۇست مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 17-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى، رەئىسلەر ۋە قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.
يىغىندا ئاساسلىقى 17-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ مەقسەت-نىشانلىرى، كۈنتەرتىپى، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار ۋە يىغىننىڭ تەييارلىقلىرىنىڭ قايسى تەرىقىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ساھىبخانلىق قىلىپ كەلمەكتە. مائارىپ جەمئىيىتى 16-ئاۋغۇست سايلام ئۆتكۈزۈپ، رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىققانىدى.