قازاقىستاندىكى خىتاي ئاققۇنلىرى بارغانسېرى ھەددىدىن ئاشماقتا

قازاقىستانغا تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن ئېقىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى قازاقىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بىر توپ خىتايلارنىڭ قازاقىستان ساقچىسىنى توپلىشىپ ئۇرغان كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەزكۇر سىندا قازاقىستاننىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى خىتايلار بىلەن ساقچىلارنىڭ تالاش-تارتىشى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتايلار بىر ساقچىنىڭ نورمال خىزمىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، تاكاللىشىپ، ئۇنىڭغا توختىماي ھەيۋە قىلغان. ساقچى ئۆزىنى ئورىۋالغان خىتايلارنى ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن، بەش-ئالتە خىتاي بىرلىشىپ، قازاق ساقچىنى ئۇرۇشقا باشلىغان. ساقچى ئۆزىنى ئەپقاچقان ۋە ئاسمانغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. شۇنداقتىمۇ خىتايلار پەيلىدىن يانماي، ئۇنى داۋاملىق قورشىۋېلىپ: «نوچى بولساڭ قېنى ئاتە» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

مەزكۇر قىسقا سىن تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە سىڭىپ كىرىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ زومىگەرلىكتە، يولسىزلىقتا قانچىلىك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. خىتاي ئاققۇنلىرى بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە شەكلى ئۆزگەرگەن كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1130 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2025 22:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق