خىتاينىڭ باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق ئىتتىپاق - شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار كېڭىشى 25-نۆۋەتلىك يىغىنى 31-ئاۋغۇست، 1-سېنتەبىر كۈنلىرى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، ھىندىستان پىرېزىدېنتى مودى ۋە تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان قاتارلىق شەخسلەرنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى دىققەت قوزغىماقتا.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەپ، قۇرۇلغان 24 يىل مابەينىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 50 تىن ئارتۇق ساھەدە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 30 تىرىليون دوللارغا يەتكەنلىكى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بەرگەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.
شى جىنپىڭ يەنە بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىككى مىليارد يۈەن بەدەلسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بانكىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بانكىلارغا يېڭىدىن 10 مىليارد يۈەن قەرز پۇلى تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان بولۇپ، ئوخشاش كۈندە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ تيەنجىن خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق (2035-2026) تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» تەستىقلانغان.
تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق يىغىن ئۈچۈن خىتايغا بېرىشى يەنە بىر دىققەت نۇقتىسى بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا تۈركىيە رەھبىرىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارەتتىن پايدىلىنىپ، ئىشغالىيەتچى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.