ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ پۇل يۇيۇش تورى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق پۇل مۇئامىلە جىنايەتلىرى قانۇنىي ئىجرا تورى 28-ئاۋغۇست مالىيە يۈزلىنىشى ھەققىدىكى ئانالىز دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ پۇل يۇيۇش تورىنىڭ ئامېرىكا مالىيە سىستېمىسىغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دوكلاتتا خىتاينىڭ پۇل يۇيۇش تورىنىڭ مېكسىكىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن سودىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇندىن باشقا ئادەم بېدىكچىلىكى، ئەتكەسچىلىك، ئالدامچىلىق ۋە باشقا قانۇنسىز قىلمىشلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ ئانالىز قىلىشىچە، 2020-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى سودا سوممىسى 312 مىليارد دوللار يېتىدىغان 140 مىڭغا يېقىن گۇمانلىق ھەرىكەت ھەققىدە دوكلات سۇنغان. پۇل يۇيۇش قىلمىشلىرى زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىپلا قالماي، داۋالاش ئالدامچىلىقى، ئۆي-مۈلۈك سودىسى قاتارلىقلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، مەزكۇر جىنايەت تورىنىڭ ئامېرىكا مالىيە سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاراپ تۇرماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

بۇ خەۋەر 1015 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2025 22:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق