بۇ ماقالىنى ئۇزۇن بولسىمۇ تولۇق ئوقۇماي تۇرۇپ ئىنكاس يازماڭ. بۇ يازمىدىكى ھەر بىر سوئالنىڭ ئىچىگە بىر يول خەرىتىسى يوشۇرۇنغان. بۇ سوئاللار شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك، ئەمەلىيەتتە قىلالايدىغان، ئەمما 70 يىلدىن بۇيان بىر تۈرلۈك قىلالمىغان ياكى قىلىشقا قەدەم بېسىشتىن قېچىپ، ئەڭ بېشىدىلا «ياق، بىز قىلالمايمىز» دەپ ئاق بايراق چىقىرىپ بىر قەدەممۇ تاشلىيالمىغان خىزمەتلىرىمىزنى بىر-بىرلەپ تىزىپ بېرىدۇ. ئوقۇپ چۈشەنگەنلەر رەھمەت ئېيتىشى مۇمكىن، چۈشەنمىگەنلەر ئۇنى پەقەت تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان بىر تەنقىد دەپ چۈشىنىۋېلىشى مۇمكىن.
**** ****** ***** ****
تارىخ – يۈزىڭىزگە تۇتۇلغان مۇزدەك بىر ئەينەك. ئۇ شېئىرلار ۋە مەدھىيەلەرنىڭ ئىسسىق ھورىنى بىر نەپەستىلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ، سىزگە يالىڭاچ، ئوچۇق ۋە ئەڭ مۇھىمى ھەقىقىي سىمايىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تارىخ، مانا شۇ ئەينەكنى بۈگۈن، يەنى 2025-يىلى 11-ئاۋغۇستتا، بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە ئالدىمىزغا قويدى:
ئۇ بولسىمۇ يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدۇر. ئەينەكتىكى بۇ سۈرەتنىڭ ئەڭ جان ئالغۇچى نۇقتىسى بولسا، يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرسنىڭ ئاغزىدىن تۆكۈلگەن ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ رەھىمسىزلىكىنىڭ شىفىرلىرىنى يېشىپ تاشلىغان خەنجەردەك بىر جۈملىدۇر:
«يېڭى زېلاندىيە، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، چۈنكى بۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن بىردىنبىر يولدۇر... ئەمما ھۆكۈمىتىمىز، پەلەستىن زېمىنىنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە قانۇنلۇق بىر دۆلەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولغان-بولمىغانلىقىنى باھالىشى كېرەك.»
بۇ قارارنىڭ ئارقىسىدىكى بىزگە مۇناسىۋەتلىك لوگىكا – خەلقئارا سىياسەتنىڭ رەھىمسىز، ئەمما ھەقىقىي مىزانىنى ئاشكارىلىغانلىقىدۇر. ئۇ بولسىمۇ، «قانۇنلۇق دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى باھالاش».
بۇ دىپلوماتىك جۈملىنىڭ ھەقىقىي ۋە رەھىمسىز تەرجىمىسى مۇنداق:
بۇ سۆز، بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق ئىرادىسىنى دۇنيانىڭ كۆز ياشلىرىمىزغا، ئاھۇزارىمىزغا ياكى تارىختىكى شان-شەرىپىمىزگە ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندىكى قابىلىيىتىمىزگە، يەنى دۆلەت قۇرۇش ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش لاياقىتىمىزگە قاراپ ئۆلچەيدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر. دۇنيا بىزنىڭ قەھرىمانلارچە يىغلىشىمىزغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانچىلىك «ئىلگىرىلىگەنلىكىمىزگە» قارايدۇ.
دۇنيا، بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا ياكى ئورۇندۇقىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ خىيال قىلغان ئارزۇلىرىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن باھالايدۇ. بىزنى كۆزىتىۋاتقان ھەر بىر دۆلەت، ھەر بىر ھۆكۈمەت، بىزگە قاراۋاتقاندا ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەينىكىنى تۇتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشلىرىغا، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئاتىلىرىغا، ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى يازغان قانلىق ۋە ئازابلىق جەريانلىرىغا قارايدۇ ۋە مانا بۇ سوئالنى سورايدۇ:
«بۇ ئىنسانلار، بىز ماڭغان ئاشۇ ئىستراتېگىيەلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك يولدا مېڭىۋاتامدۇ؟ ياكى پەقەتلا تارقاق، ھېسسىياتچان بىر گۇرۇپپىمۇ؟»
مانا بۇ نۇقتىدا، ئاشۇ مۇزدەك ئەينەك پەلەستىندىن بىزگە بۇرۇلىدۇ. ئۇ سوئال، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ 70 يىللىق ئىمتىھان نەتىجىمىزدۇر.
تارىخنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك زىددىيىتى: گېنېرالى يوق ئارمىيە
بۇ ۋىجدانىي ئوپېراتسىيەنى باشلاشتىن ئىلگىرى، تارىخنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ ئاچچىق زىددىيىتى بىلەن يۈزلىشىشىمىز كېرەك. بەلكىم مەسىلىمىز ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى ئۆز كۈچىمىزدىن خەۋەرسىز بولۇش ۋە ئۇنى جايىدا ئىشلىتەلمەسلىك خىيانىتىدۇر.
چۈنكى ھەقىقەت شۇكى: بۈگۈن سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلار، دىئاسپورا تارىخىنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر كۈچكە ئىگە. ئاللاھ بىزگە بىر خىتاينى ئەمەس، ئون خىتايدەك دۆلەتنى تىز پۈكتۈرىدىغان بىر يوشۇرۇن كۈچ ئاتا قىلغان. قولىمىزدا مۇستەقىللىقىمىزنى قايتا قولغا كەلتۈرەلەيدىغان تالانت ئىگىلىرى، ھەر ساھەدە يېتىشكەن مۇتەخەسسىسلەر، جېنىنى بېرىشكە تەييار، جەڭ تەجرىبىسى يۈكسەك نەچچە ئونمىڭلىغان مۇجاھىد يىگىتلىرىمىز، سىياسەت، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە سانائەت ساھەسىدە قانات قېقىپ ئۇچۇشقا تەييار، ئەمما قانداق قاناتلىنىشنى بىلمەيۋاتقان دىنامىك كۈچلىرىمىز مەۋجۇت. ئەمما بۇ كۈچلەرنى سىستېمىلىق شەكىلدە تەشكىللەپ، ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغان غايەت زور بىر كۈچكە ئايلاندۇرالايدىغان ھەقىقىي بىر تەشكىللىگۈچىمىز، ھەقىقىي بىر لىدېرىمىز كەمچىل.
بۇ ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن يۈزلەشمەي تۇرۇپ، كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلەش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئەمدى، ۋىجدانىي بىر ئوپېراتسىيە پىچىقى بىلەن ئۆز ھەقىقىتىمىزنى ۋە ئىچىمىزدىكى ئىككى سەپنى ئۈستەلگە ياتقۇزىدىغان ۋاقىت كەلدى.
بۇ ئوپېراتسىيەنى، بىر ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن باشلاش زۆرۈردۇر. دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىق كاتتىلارنىڭ مۈرىسىدە كۆتۈرۈلۈپ بۈگۈنگە ئېلىپ كېلىنگەن مۇقەددەس، ئەمما شۇنچىلىك ئېغىر بىر ئامانەتتۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئىستراتېگىيەلىك مەشئەلدەك، ئۆز دەۋرىنىڭ قاپقاراڭغۇ زۇلمىتى ۋە مۇمكىنسىزلىكلىرى ئىچىدە، ئەقىل ۋە جاسارەت بىلەن بىر يول ئاچقان ئىدى.
بىراق بۇ كۈرەش مىراسى، ھۆرمەت بىلەن مۇزېيغا تىزىپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى زاماننىڭ روھى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ شارائىتىدا مۇمكىن بولغان ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈرەش يولىنى ئاچقان. بىراق، بىز شۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن يولنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ كېڭەيتەلىدۇقمۇ ياكى ئۇنى تار بىر كوچىغا، ئۆلۈك تۇپراققا ۋە شەكىلۋازلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدۇقمۇ؟
مانا بۇ نۇقتىدا، ئاشۇ پىچاق كەبى ئۆتكۈر سوئاللار، ئىچىمىزدىكى ئىككى سەپنىڭ ھەر بىر تەرىپىگە ئايرىم-ئايرىم سانجىلىشى كېرەك.
مىراسقا ۋارىسلىق قىلدۇقمۇ ياكى خىيانەتمۇ؟ دەپ سورىلىشى كېرەك.
بىرىنچى سەپ: خەلقنىڭ ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىكى ئۆلۈم ئۇيقۇسى
ئالدى بىلەن ئەينەكنى ئۆزىمىزگە، داۋانىڭ ئىگىسىمەن دەپ دەۋا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا قارىتايلى!
مىللىي ئازادلىقمۇ ياكى ئابونتلىرىغا قىلىنىدىغان مۇلازىمەتمۇ؟
بىز ئاددىي خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللىي كۈرەشنى، ھەر بىر شەخس ھەسسىدار بولغان بىر «ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى» دەپ قارىدۇقمۇ؟ ياكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈچ-تۆت كىشىگە يۈكلەپ قويۇپ، ئاندىن ئۇلارنى تاماشا مەيدانىدىن كۆزىتىدىغان ۋە «نېمىشقا توپ كىرگۈزەلمەيۋاتىدۇ؟» دەپ تەنقىد قىلىدىغان، ھەقسىز بېلەتلىك تاماشىبىن بولۇشنى تاللىدۇقمۇ؟ بىز بۇ داۋانىڭ ئىگىسىمۇ ياكى پەقەت بىر كۆرۈرمەن-تاماشىچىسىمۇ؟
ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىق ئىشتابىمۇ ياكى ئىجتىمائىي ياردەم ئىشخانىسىمۇ؟
تەشكىلاتلىرىمىزنى، خىتايغا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزىدىغان بىر باش ئىشتاب دەپ تەسەۋۋۇر قىلدۇقمۇ؟ ياكى ئۇلارنى، بىز ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئىقامەت رۇخسىتى، پۇقرالىق ئىلتىماسى ۋە ئىجتىمائىي ياردەم ئىشلىرىنى قوغلىشىدىغان، بارغانسېرى ئېشىۋاتقان شەخسىي مەسىلىلىرىمىزنىڭ يۈكى ئاستىدا ئېزىلىدىغان بىر «ئىجتىمائىي ياردەم ئۈستىلى»گە ئايلاندۇرۇپ قويدۇقمۇ؟ داۋانىڭ ئاۋانگارت كۈچىنى، ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك دەرد-ئەلەملىرى بىلەن مەشغۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ھەقىقىي دۈشمەنگە قارىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بىز ئەمەسمۇ؟
بىز ھىجرەتكە تەشكىلاتىمىزغا يۈك بولۇش ئۈچۈن چىققانمۇ؟ ياكى يۈك ئېلىش ئۈچۈن چىققانمۇ؟
دۈشمەننىڭ ئەڭ ئەرزان جاسۇسى: ئۆزىمىزنىڭ غەزىپىمۇ؟
خىتايدىن چىقىرالمىغان ئۆچىمىزنى ئەڭ يېقىنىمىزدىكى تەشكىلاتلاردىن ئېلىپ، ئەڭ كىچىك بىر خاتالىقنى «خىيانەت»، «ۋاي، بىزنى يەرلىك پارتىيەلەرگە سېتىۋەتتى»، «ۋاي ئىشىمىزنى ھەل قىلالمىغان تەشكىلات دۆلەتنى قانداق قۇتقۇزىدۇ؟» دەپ تامغا ئۇرۇپ، تۆھمەت ۋە ئەيىبلەشلەر بىلەن ئۇلارنى بىر «قۇربانلىق ئۆچكىسى»گە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ مىليونلىغان دوللارلىق تەشۋىقات سىستېمىسى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىچكى سېپىمىزنى يىمىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئۈستىمىزگە ئالمىدۇقمۇ؟ ئۆز قەلئەمىزنى تاشقا تۇتۇش ئارقىلىق ۋىجدانىمىزنى راھەتلەندۈرۈشنىڭ، دۈشمەن ئۈچۈن ئەڭ ئەرزان ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك غەلىبە ئىكەنلىكىنى قاچان ھېس قىلىمىز؟
ئىككىنچى سەپ: رەھبەرلىك قاتلىمىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كورلۇقى
ئەمدى ئوپېراتسىيەنى، بۇ خەلق ئۈمىد باغلىغان، ئەمما 70 يىلدىن بۇيان ئوخشاش قېلىپلار ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان رەھبەرلىك ۋە تەشكىلات قۇرۇلمىسىدىن باشلايلى!
ئىقتىسادىي كۈچمۇ، لوبىچىلىق نامراتلىقىمۇ؟
ئۆزىمىزدىن بۇ سوئالنى پۈتۈن رەھىمسىزلىك بىلەن سوراپ باقايلى: بىزنىڭ لوبىچىلىق دېگەن سۆزدىن چۈشەنگىنىمىز زادى نېمە؟ 70 يىللىق كۈرىشىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يېتىپ بارالىغان تەسەۋۋۇرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن بىر نامايىش ئۈچۈن ئىككى ئاپتوبۇسنى ھەل قىلىش، بايراق باستۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ياكى بىر يىغىن زالىنى ھەقسىز قولغا كەلتۈرۈشمۇ؟
بىز قىلىپ كېلىۋاتقان ھەقىقىي لوبىچىلىق مۇشۇمۇ؟ ياكى ھەقىقىي لوبىچىلىق؛ دىئاسپورادىكى ھەر بىر كارخانىچىمىزنى بىر «ئىقتىسادىي ئەلچى» دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلىشىنىڭ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ۋە شۇ دۆلەت ئىقتىسادىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئاكتيورغا ئايلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلىشمۇ؟
كارخانىچىلىرىمىزنى، شۇ دۆلەتنىڭ سودا ئۇيۇشمىلىرىدا، سانائەت گىگانتلىرى بىلەن ئوخشاش ئۈستەلدە ئولتۇرغۇزىدىغان، ئۇلارغا يېڭى بازارلار ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىدىغان، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىرىغا «بۇلار بىزگە يۈك ئەمەس، بەلكى باج، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان قىممەتلىك شېرىكلىرىمىزدۇر» دېگۈزىدىغان لايىھەلەرنى نېمە ئۈچۈن خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدۇق؟
نېمە ئۈچۈن كۈچىمىز ۋە ئېنېرگىيەمىزنى كېيىنكى سايلامدا قايسى سىياسەتچىنىڭ بىز بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ھېسابلاشقا سەرپ قىلىۋېتىپ، شۇ سىياسەتچىنىڭ سايلام رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خوجايىننىڭ ياكى ئەڭ كۈچلۈك باي نامزاتنىڭ بىر ئۇيغۇر تۈركى بولۇشى ئۈچۈن ئىستراتېگىيە تۈزۈپ باقمىدۇق؟
بۇ بىر تاللاشمۇ، ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى، ئۆزىنىڭ تار ۋە يۈزەكى تەسەۋۋۇرى بىلەن قانداق ئىسراپ قىلغانلىقىنىڭ ھەمدە قانداق بىر «لوبىچىلىق نامراتلىقى» ئىچىدە تىركىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ئېتىراپنامىسىمۇ؟
زىيالىيلارنىڭ زەھىرىمۇ، ئىستراتېگىيەلىك تۆھپىمۇ؟
يۇقىرى ئۇنۋانلىق، چاكىنا مۇتەكەببىر ئاكادېمىكلىرىمىز، كەسپىي تالانتى بىلەن بۇ داۋاغا بىر «ئاقىللار ئامبىرى»دەك كۈچ قوشتىمۇ؟ ياكى تەشكىلاتلاردا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئابرويغا ئېرىشەلمىگەندە، شەخسىي ئۆچمەنلىكىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاكادېمىك ئۇنۋانلىرىنى بىر زەھەرلىك خەنجەردەك ئىشلىتىپ، خەلقنىڭ ئۆز تەشكىلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوق قىلدىمۇ؟ بۇ «ھەممىنى بىلىدىغان» ئاتالمىش زىيالىيلار، ئۆزلىرى نادان، جاھىل دەپ ئەيىبلىگەن رەھبەرلەردىن تېخىمۇ چوڭ بىر ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولۇپ، خىتاينىڭ مائاشسىز، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەتۈر تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلەمدۇ؟
لاياقەت قىرغىنچىلىقىمۇ، نوپۇز سەلتەنىتىمۇ؟
70 يىللىق دىئاسپورا تارىخىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ پاجىئەسى زادى نېمە؟ تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ بېشىغا، داۋانى ئەڭ ئالدىغا ئىلگىرىلەتەلەيدىغان، ئەڭ يارقىن پىكىرلىك، ئەڭ تالانتلىق كىشىلەرنى تاللىدۇقمۇ؟ ياكى قابىلىيەتسىز ۋە ئىقتىدارسىز بولۇشىغا قارىماي شەخسىي ساداقىتىگە، جەمئىيەتتىكى نوپۇزىغا ياكى ماددىي كۈچىگە قاراپ، بىر «يۈز-خاتىرە» سىستېمىسى بىلەن شۇ ئورۇندۇقلارغا ئولتۇرغۇزدۇقمۇ؟ بۇ، داۋايىمىزنى خىتاينىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆز قولىمىز بىلەن بىر «لاياقەت قىرغىنچىلىقى»غا ئۇچراتقانلىقىمىز ئەمەسمۇ؟
ئىستراتېگىيەلىك لوبىچىلىقمۇ، ئەرز-شىكايەتچىلىكمۇ؟
قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەدە، قايسى مىنىستىرلىقنىڭ قايسى فوندى، قايسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قايسى ئىجتىمائىي تۈرى، قايسى ئورگاننىڭ قايسى ئىمكانىيىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئورگان خاراكتېرلىك يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقتۇقمۇ؟ ياكى بىز، ئۇلارنىڭ ئورگان ئۆلچەملىرىگە ماس كېلىدىغان، كەسپىي لايىھەلەرنى سۇنۇشنىڭ ئورنىغا، پەقەت ئىشىكىنى قېقىپ ئازابلىرىمىزنى ئاڭلىتىپ، ئاخىرىدا، «ئىنشاءاللاھ ياردەم قىلىمىز» دېگەن سۆزىنى بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلايدىغان، ياخشى نىيەتلىك ئەمما نادان بىر ئەرز-شىكايەتچى تۇل خوتۇندەك ھەرىكەت قىلدۇقمۇ؟
قۇرغۇچى ئاتىلارمۇ، قەبىلە باشلىقلىرىمۇ؟
رەھبەرلىكىمىز، كەلگۈسىدىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى، ئاپپاراتلىرىنى، ئىقتىسادىي پىلانلىرىنى لايىھىلەيدىغان «قۇرغۇچى ئاتىلار»دەك ھەرىكەت قىلىۋاتامدۇ؟ ياكى پەقەت ئەتراپىغا مۇرىتلارنى يىغىدىغان، شەخسىي نوپۇزى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئۆزلىرىدىن كېيىن بىر سىستېما قالدۇرمايدىغان «قەبىلە باشلىقلىرى»دەكمۇ؟
ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتمۇ، مەھەللە قارىغۇلۇقىمۇ؟
دۈشمەن، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر كوچىسىنى دىگىتال خەرىتە بىلەن كۆزىتىۋاتقاندا، بىز ئالدى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ، ئاندىن دىئاسپورادىكى ئۆز ئىنسانلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق خەرىتىسىنى سىزىپ چىقالىدۇقمۇ؟ جەمئىيەتشۇناسلىقى بىلەن دۇنيادا ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدىغان يۇقىرى ئۇنۋانلىق ئاتالمىش ئاكادېمىكلىرىمىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىدى؟ خۇددى ئەشۇ كاتتا جەمئىيەتشۇناس بىلمىگەندەك تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزمۇ قايسى شەھەردە قانچە ئۇيغۇر ياشايدۇ، قانداق تالانتلارغا ئىگە، كەسىپلىرى ۋە تەسىر دائىرىسىچۇ؟ بۇنى بىلمەي تۇرۇپ بىر مىللىي سەپەرۋەرلىكنى قانداق ئېلان قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ، كۆزى قارىغۇ بىر گېنېرالنىڭ ئارمىيەسىنى جەڭگە باشلىغانلىقىدىن پەرقسىز ئەمەسمۇ؟
گېئوپولىتىكىلىق بايلىقمۇ؟ ئىنسانىي يۈكمۇ؟
دۇنيا سەھنىسىگە ئۆزىمىزنى، خىتاينىڭ بېشىغا بالا بولغان بىر «مەسىلە» سۈپىتىدە كۆرسىتىۋاتامدۇق؟ ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە يېڭى بىر ئىقتىسادىي كارىدورى ۋەدە قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بىر «چارە» سۈپىتىدە سۇنۇۋاتامدۇق؟ دۇنيا كۈچلىرىگە، بىزگە ياردەم قىلىشنىڭ پەقەت بىر «خەير-ساخاۋەت ئىشى» ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ «پايدىلىق بىر گېئوپولىتىك مەبلەغ سېلىش» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر لايىھە سۇنالىدۇقمۇ؟
70 يىللىق تىياتىرمۇ، 21-ئەسىرنىڭ ئۇرۇشىمۇ؟
نامايىش، يىغىن، بايانات... بىز بۇ «پائالىيەتچىلىك»نى 70 يىل تەكرارلاش ئارقىلىق، بىر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى گويا بىر «پائالىيەت شىركىتى»نىڭ ئىشىغا ئايلاندۇرۇپ قويمىدۇقمۇ؟ بۇ ھەرىكەتلەر، چوڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىستراتېگىيەنىڭ تاكتىكىلىق قەدەملىرىمۇ، ياكى پەقەت تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسىنى قوغداش ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قىلىنغان، نەتىجىسىز، ۋەتىنىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر تىپىرلاشلامۇ؟
ئالاقىسىزلىقمۇ، ئاسان كويغا كىرىۋېلىشمۇ؟
21-ئەسىردەك ئۇچۇر دەۋرىدە، ۋەتىنىمىز بىلەن بولغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتەلىدۇقمۇ؟ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كارىدورلىرىنى ئاچالىدۇقمۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىنى خىتاينىڭ زۇلمىغا ئارتىپ قويۇپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ ئاسان يولىنى تېپىۋالدۇقمۇ؟
ئىستراتېگىيەلىك تالانتمۇ، جۇغراپىيەلىك ئۆلۈۋېلىشمۇ؟
كۈرەشنى، ۋەتىنىمىزگە بىر نەپەسلىك ئارىلىقتىكى قوشنا جۇغراپىيەلەردە، مەدەنىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يىلتىزىمىز تۇتىشىدىغان تۇپراقلاردا چوڭقۇر ۋە مۇستەھكەم يىلتىز تارتقۇزۇشنىڭ ئورنىغا، بېيجىڭ بىزنى كۆرۈشتىن ئەڭ مەمنۇن بولىدىغان، مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقلىقتىكى راھەت ئەمما ئۈنۈمسىز پايتەختلەرگە يۆتكەش ئارقىلىق، ۋەتىنىمىز بىلەن ئارىمىزغا جۇغراپىيەلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇساپە پەيدا قىلمىدۇقمۇ؟ ئۆزىمىزنى بېيجىڭ ئۈچۈن يىراق ئەمما كونترول قىلغىلى بولىدىغان بىر قۇرۇق شاۋقۇن-سۈرەنگە ئايلاندۇرۇپ قويمىدۇقمۇ؟
ئەقىلدىن ئېزىشمۇ؟ پىكىر قىسلىقىمۇ؟
دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ رەھىمسىز لوگىكىسىنى، يەرشارى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى، خىتاينىڭ ئاجىز ۋە كۈچلۈك تەرەپلىرىنى ئانالىز قىلىدىغان ئىستراتېگىيە مەركەزلىرى، ئاقىللار گۇرۇپپىلىرىنى قۇرالىدۇقمۇ؟ ياكى بارلىق ئەقلىي كۈچىمىزنى، كىمنىڭ «تېخىمۇ ئەقىللىق ۋە ئۈستۈن» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئىشلىتىپ لىدېرلىق تالىشىشتەك ئۈنۈمسىز ۋە مەنمەنلىك تالاش-تارتىشلىرى بىلەن ئۇپراتتۇقمۇ؟
مىللىي بىرلىكمۇ، ئىختىيارىي قۇللۇقمۇ؟
مىللىي بىر ئىستراتېگىيە ئەتراپىدا ئۇيۇشۇشنىڭ ئورنىغا، «لىدېر» دېگەن شەخسلەرنىڭ ئەتراپىدا كىچىك بەگلىكلەر قۇرۇپ، كۈچىمىزنى ئورتاق دۈشمەنگە ئەمەس، بىر-بىرىمىزگە قارشى سەرپ قىلمىدۇقمۇ؟ سەزمەستىن، بېيجىڭنىڭ بىر تىيىن خەجلىمەي، بىر جاسۇسمۇ ئەۋەتمەي تۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ئۈنۈملۈك «بۆلۈپ باشقۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ ئىختىيارىي چوماقچىلىرىغا ئايلىنىپ قالمىدۇقمۇ؟
مەقسىتىمىز تارىخقا «قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسەتتى» دەپ يېزىلىشمۇ، ياكى تارىخنى «غەلىبە قازانغۇچىلار» سۈپىتىدە ئۆزىمىز يېزىشمۇ؟
ئازادلىقنىڭ يېڭى قائىدىلىرى؛ يولىمىز تەشكىللىك يىغلاشتىن تەشكىللىك زەربە بېرىشتە، شىكايەتتىن ئىستراتېگىيەگە ئۆتۈشتە
ھەقىقىي ئۇرۇش، پەقەت سىرتتىكى ئىشغالچى بىلەنلا ئەمەس، شۇنداقلا ئۆز ئىچىمىزدىكى ئەقىلنى بوغىدىغان جاھالەت، بىرلىكنى بۇزىدىغان شەخسىيەتچىلىك ۋە تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان شەكىلۋازلىق بىلەن بولىدۇ. يىغلاپ-قاقشاپلا يۈرىدىغان دەۋر ئاخىرلاشتى. ئەمدى «ھەقلىق بولۇش» يېتەرلىك ئەمەس، ھەققىنى ئالالايدىغان كۈچكە ۋە ئەقىلگە ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ خىتابنامىنىڭ قائىدىلىرى مۇزاكىرىگە ئوچۇق ئەمەس ۋە ھەر ئىككى سەپ ئۈچۈن كۈچكە ئىگە:
1 - رەھبەرلىك، بىر نوپۇز ۋە ساداقەت مۇكاپاتى ئەمەس، بەلكى بىر تالانت ۋە ئىستراتېگىيە ۋەزىپىسىدۇر. ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئەمەس؛ ئەڭ لاياقەتلىك بولغان ۋە ئەڭ ئەقىللىق بولغان باشقۇرۇشى كېرەك.
2 - ھەر بىر شەخس، داۋانىڭ بىر يۈكى ياكى تاماشىبىنى ئەمەس، بىر ھەسسىدارى ۋە ئەسكىرىدۇر. كۈچ بېرىش، تەنقىد قىلىشتىن تېخىمۇ بۈيۈك بىر پەزىلەت دەپ قارىلىشى لازىم.
3 - دۆلەت ئېڭى، جەمئىيەتچىلىك ئېڭىنى يېڭىدۇ: شەخسىي مەسىلىلەر ئەمەس، مىللىي مەنپەئەت ۋە يەرشارى ئىستراتېگىيەسى ھەر بىر قارارنىڭ مەركىزىدە بولۇشى لازىم.
4 - سانلىق مەلۇمات ئامبىرىمىز بولۇشى لازىم. ئالدى بىلەن ئۆز ئىنسان بايلىقىمىزنىڭ ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق خەرىتىسىنى ئەتراپلىق سىزىپ چىقىش ئارقىلىق، شەھەر، كوچا-كويلىرىمىزنى ۋە دۈشمەننىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى پىششىق بىلىشىمىز مۇقەررەر بىر زۆرۈرىيەتتۇر. چۈنكى دەۋرىمىزدە سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇر، ئەڭ بۈيۈك قورالدۇر.
5 - بىر-بىرى بىلەن تىركىشىشكە سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيە، دۈشمەننىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىغا قارىتىلغان كونكرېت ۋە نەتىجە مەركەزلىك خەلقئارالىق زەربە بېرىش پىلانلىرىغا يۈزلەندۈرۈلۈشى كېرەك.
ھاڭنىڭ گىرۋىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سوئال:
تارىخنىڭ ئاشۇ مۇزدەك، قوپال ئەينىكىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر قارايلى!
ئەگەر يۇقىرىقى ئاچچىق سوئاللارغا كۆز يېشى بىلەن ئەمەس، ئەقىل، ئەمەلىيەت ۋە نەتىجە بىلەن جاۋاب بېرىلمىسە، ئۇ ئەينەك بىزگە ئەمدى پەقەت بىر مەغلۇبىيەتنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي بىر يوقىلىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
چۈنكى ئەڭ قورقۇنچلۇق سوئال شۇكى: بىز دىئاسپورادا 70 يىللىق كونا قېلىپتىن چىقالماي، رەھبەرلىك تالىشىشلىرىمىز ۋە چاكىنا مەنمەنچىلىك كۈرەشلىرىمىزنى قىلىۋاتقاندا، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە تارىخىي ھافىزىسى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلماقتا.
بەلكىم ئەڭ دەھشەتلىك سىنارىيە، ئەتە كۈرەش قىلىنىدىغان بىر شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنىڭ قالماسلىقىدىنمۇ بەكرەك، بۇ كۈرەشتە غەلىبە قىلىدىغان كۈچ ۋە قوراللارغا ئىگە تۇرۇقلۇق، ئۇ قوراللارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن يوقىلىپ كېتىدىغان بىر ئەۋلادقا ئايلىنىشىمىز ياكى كەلگۈسىدە بۇ داۋانى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادلارنىڭ قالماسلىقىدۇر.
«بىزدىن كېيىنكىلەر مۇجادىلە قىلغۇدەك بىر شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تاپالمىسا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى قالمىساچۇ؟» دېگەن بۇ قورقۇنچلۇق سوئال، بارلىق ساختا بۇتلارنى، شەخسىي ھېرىسمەنلىكلەرنى ۋە كىچىك گۇرۇپپا ھېساباتلىرىنى دەرھال چۆرۈپ تاشلاپ، ئورتاق بىر ئەقىلدە بىرلىشىش ئۈچۈن تارىخنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇشى مۇمكىن.
جاۋاب، تارىخنىڭ ھۆكمىدۇر. ۋە تارىخ، پەقەت غەلىبە قىلغۇچىلارنىلا يازىدۇ.
بۇ خەۋەر 934 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2025 23:08:00