ئامېرىكا TSMC نىڭ خىتايدىكى ئالاھىدە ھوقۇقىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ (TSMC) خىتايدىكى ئۆزەك ئۈسكۈنىلىرىنى رۇخسەتسىز يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى.

بىلۇمبېرگ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، TSMC نىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن TSMC نىڭ نەنجىڭدىكى زاۋۇتى ئۈچۈن «تەستىقلانغان تېرمىنال ئىشلەتكۈچى» (VEU) پىروگراممىسىدىكى ھوقۇقلىرىنىڭ 31-دېكابىردىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

باياناتتا شىركەتنىڭ ئەھۋالنى باھالاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، TSMC نىڭ نەنجىڭدىكى زاۋۇتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەسىرگە ئۇچراتماسلىقتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، VEU پىروگراممىسىغا ئاساسەن، چەت ئەللىك ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ خىتايدا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ياسالغان ئۈسكۈنىلەر، يۇمشاق دېتاللار ۋە تېخنىكىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى رەسمىيەتسىز ئېكسپورت قىلىشىغا يول قويۇلىدىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئېكسپورت كونترولىدا يوچۇق شەكىللەندۈرىدىغان بۇ نۇقساننى يوقاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئالاقىدار باياناتتا شىركەتلەرنىڭ رەسمىيەت كەچۈرۈم مۇددىتى ئاخىرلىشىشىغا يەنە 120 كۈن بارلىقى، بۇ مۇددەت ئىچىدە ئېكسپورت رۇخسىتى چىقىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 176 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2025 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق