8-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» ئاخىرلاشتى

 

تۈركىيەدىكى پۇتبولسۆيەر شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 14-ئاۋغۇست ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا باشلانغان 8-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

جەمئىي ئون كوماندا قاتناشقان، ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك داۋاملاشقان مۇسابىقىدە ئىلى مەشرەپ، ئوقۇ ئۇيغۇر، ئەينەك، سايرام قاتارلىق تۆت كوماندا گۇرۇپپىدىن چىقىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. 30-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە سايرام كوماندىسى ئىلى مەشرەپ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئەينەك كوماندىسى ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاندى.

2-سېنتەبىر مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، ئىلى مەشرەپ كوماندىسى بىلەن ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى تالاشتى. گەرچە ئىلى مەشرەپ كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسىنى يېڭىۋالغان بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق كەسكىن تۇتۇشۇشتا پەرقلىق نەتىجىدە چىقىپ، ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى 5:4 نەتىجە بىلەن ئىلى مەشرەپ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سايرام كوماندىسى دەسلەپتە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بۇ ۋەزىيەتنى ساقلىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى پەيتلەردە ئەينەك كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 1:1 نەتىجە بىلەن پۇشتەك چېلىنغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ تېپىش باسقۇچىغا كىردى. ئاخىردا سايرام كوماندىسى نۇقتا توپ ئارقىلىق غەلىبە قىلىپ، 8-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى»نىڭ چېمپىيونى بولدى. ئەينەك كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

بۇ قېتىملىق «ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى»نى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقفى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان بولۇپ، چېمپىيون كوماندىغا 25 مىڭ لىرا، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىغا 20 مىڭ لىرا، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىغا 15 مىڭ لىرا مۇكاپات بېرىلدى.

 

بۇ خەۋەر 345 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2025 19:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق