ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشىغا قارشى ئىستراتېگىيەلىرىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» 2-سېنتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللاندى. «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى-2025» (H.R. 2635) دەپ ئاتالغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن يوڭ كىم، ئامى بېرا ۋە گىرېگورى مىس قاتارلىقلار سۇنغان.
قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق تەييارلىغۇچىسى بولغان ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى، پالاتانىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل تاشقى ئىشلار تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى يوڭ كىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، قۇل قىلىش ۋە سىستېمىلىق ئۆلتۈرۈشنى تەشكىللەپ كەلدى. بىگۇناھ ئائىلىلەر پارچىلانغان، كىملىكلەر ئۆچۈرۈلگەن، بۇ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئەۋلادلارنىڭ ئاۋازى ئۆچۈرۈلگەن بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا بۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرالمايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى»نىڭ ئالدىنقى بۆلىكىگىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ 2014-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقى، كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىپ، قامالغانلارنى ۋەھشىيلەرچە قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە پائالىيەتچىلەرگىمۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، تەھدىت سېلىش، پاراكەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەزكۇر قانۇندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تىل-يېزىق كىملىكىنى قوغدايدىغان ئىنسان ھەقلىرىگە ئالاقىدار سىياسەت ۋە پىروگراممىلارنى ئالدىن ئويلىشىشى، پارلامېنت بىلەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى، ئالاقىدار فېدېراتىپ ئورگانلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئۇيغۇر ھوقۇقى تەشەببۇسچىلىرىغا ياردەم بېرىشى، ئامېرىكىدا پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشتىن ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى قەرەللىك سۇنۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن ماددىلار قەيت قىلىنغان.
قانۇندا يەنە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان ئاممىۋى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى فوند بىلەن تەمىنلەش، ئوخشاش پىكىردىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي رېجىمىغا بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي رېجىمىدىن شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي، مىللىي كىملىكى، تىلى، سىياسىي قارىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىگە قامالغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
ئىككى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى-2025» نۆۋەتتە كېڭەش پالاتاسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان.