خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىق نىشان قىلغان ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى ئىزچىل تەنقىد قىلىنىپ كەلگەن بىر ۋەزىيەتتە، بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاينىڭ ھەربىي پاراتى جەريانىدا، پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار دىيالوگ ئاۋازلىق تەرىقىدە تارقىلىپ، خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئۈچۈن كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى 3-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ھەربىي پاراتىنى كۆرۈشكە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان.
بۇ جەرياندا پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان ئارقىلىق داۋاملاشقان قىسقا دىيالوگ تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاۋازلىق تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئىككىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەققىدە پاراڭلاشقان. تەرجىمان پۇتىننىڭ سۆزلىرىنى خىتايچىگە تەرجىمە قىلىپ: «بىيولوگىيە تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئىچكى ئەزالارنى توختىماي كۆچۈرگىلى بولىدۇ. ياشىغانسېرى ياشىرىپ كېتىسىز، ھەتتا ئۆلمەي ياشىشىڭىز مۇمكىن» دېگەن. ئارقىدىن شى جىنپىڭ: «مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار بۇ ئەسىردە 150 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن ئىكەن» دېگەن.
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تەختتە ئولتۇرۇشنى پىلانلىغان ئىككى چوڭ مۇستەبىتنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئۆلمەسلىك چارىلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىشى تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغاندىن سىرت، خىتاينىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىك ئوبيېكتى ئۇيغۇرلار بولغان ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىمۇ تەبىئىيلا ئۇلارنىڭ قىسقا دىيالوگىغا باغلاندى.
خىتاي رېجىمىنىڭ ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىدە ئۇيغۇرلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىچكى ئەزا ئامبىرىغا ئايلانغان. مۇتەخەسسىسلەرمۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان، سۈيدۈكلىرىنىڭ ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ كۆپ قېتىم سىستېمىلىق تەكشۈرۈلۈشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى باھالاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. يېقىندا خىتاينىڭ 2030-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدىن يەنە ئالتىنى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ كۆپەيتىشتىن ئىبارەت بۇ پىلان كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى.