ئامېرىكا خىتايدىن يولغا چىققان غايەت زور زەھەرلىك چېكىملىك ماددىلىرىنى تۇتۇپ قالدى

ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى بۇ ھەپتە 300 توننىدىن ئاشىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك خام ئەشياسىنى تۇتۇپ قالغان بولۇپ، مەزكۇر خىمىيەلىك ماددىلار خىتايدىن يولغا چىقىپ، مېكسىكىدىكى چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن بىر زەھەرلىك چېكىملىك ​​گۇرۇھىغا توشۇلغانىكەن. بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشكەن ئەڭ زور مىقداردىكى زەھەرلىك چېكىملىك خام ئەشياسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى تود لايىنس 3-سېنتەبىر تېكساس ئىشتاتىنىڭ خىيۇستون رايونىدىكى مەزكۇر خىمىيەلىك ماددىلار ساقلانغان جايدا مۇخبىرلارغا بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر زەھەرلىك چېكىملىك ​​گۇرۇھىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى قىلىپ بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاختۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ پاناما، مېكسىكا ۋە گىۋاتېمالادىكى قانۇن ئىجرا قىلىش شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پانامادىكى مۇسادىرە قىلىنغان ماللارنى نىشانلاپ، خىيۇستونغا يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بۇ يىل 2-ئايدا مەزكۇر زەھەرلىك چېكىملىك ​​گۇرۇھىنى چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى قىلىپ بېكىتكەنىكەن.

ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىمىيەلىك ماددىلار خىتاينىڭ شاڭخەي پورتىدىن يولغا چىققان بولۇپ، ئاخىرقى مەنزىلى بولسا مېكسىكىنىڭ سىنالوئا زەھەرلىك چېكىملىك ​​گۇرۇھى ئىكەن. مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ خىمىيەلىك خام ئەشيالاردىن پايدىلىنىپ، كىرىستال زەھەر ئىشلەپچىقىرىدىكەن. ئەگەر مەزكۇر خىمىيەلىك ماددىلار ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرسە، 190 توننىغا يېقىن كىرىستال زەھەر ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 569 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بۇ خەۋەر 239 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2025 21:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق