خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي گاز بايلىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، تارىم ئويمانلىقىدىكى كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ داۋاملاشماقتىكەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 7-سېنتەبىر تارىم نېفىتلىكىدىكى كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىنىڭ سۇ چىقىرىش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتى ئاياغلاشقان ۋە گاز كىرگۈزۈلۈشكە باشلىغان. پىلانغا ئاساسەن، كۈندىلىك گاز كىرگۈزۈش مىقدارى ئىككى مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ، ئۆكتەبىر ئېيىغىچە داۋاملىشىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى بۇلتۇر 22-نويابىر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى تۇنجى تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ئامبارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت-ئوبلاستنى قىشلىق گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
مەزكۇر تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىدىن سىرت، تارىم نېفىتلىكىدىكى ياقا زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان داۋاملاشماقتىكەن. خەۋەردە ياقا تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى ئىكەنلىكى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئېلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 24 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئىشغالىيەت تارىخىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بىر مىنۇتمۇ توختاتماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇپ كەلمەكتە. خىتاي يەنە بۇلاڭ-تالاڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىغا ئوخشاش تۈرلۈك تېخنىكىلارنى، ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللانماقتا.