خىتايلارنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەملىكىسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان، ئافرىقا ئەللىرى قەرز تۇزىقى بىلەن خىتايغا بېقىنىپ قېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئافرىقا ئەللىرىدىكى تۈرلۈك جىنايەتلىرىمۇ كۆپەيمەكتە. يېقىندا ئۆسمۈرلەرنى ئىچىگە ئالغان يۈزگە يېقىن ئافرىقا پۇقراسىنى قۇل ئەمگىكىگە سالغان يەتتە خىتاي 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى سوت مەھكىمىسىدە يەتتە خىتايغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھانىسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر مەخپىي زاۋۇتتا 90 دىن ئارتۇق مالاۋى پۇقراسىنى قۇل قاتارىدا ئەمگەككە سالغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاران 14 ياشتا ئىكەن. مەزكۇر خىتايلار 20 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يەتتە خىتاينىڭ تۆتى ئەر، ئۈچى ئايال بولۇپ، 2019-يىلى نويابىردا ساقچىلار مامۇق ئەدىيال ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر مەخپىي زاۋۇتقا تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرىپ، مەزكۇر خىتايلارنى قولغا ئالغان. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا زاۋۇتتا سالاھىيەت ھۆججەتلىرى، كىنىشكىلىرى بولمىغان 91 مالاۋىيەلىك ئىشلىتىلگەن. ئۇلارنىڭ 16 نەپىرى 14 ياشتىن 16 ياشقىچە ئىكەن. ئۇلار بىر كۈنمۇ ئارام ئالماي مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن بولۇپ، زاۋۇتقا سولاپ قويۇلغان ۋە قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان.
مەزكۇر يەتتە خىتاي بۇ يىل 2-ئايدا ئادەم ئەتكەسچىلىكى، ئۆسمۈر قۇل ئەمگىكى قاتارلىق 158 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ بايانىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان مالاۋىلىقلارنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا ئالداپ كەلتۈرۈلۈپ، قۇل قاتارىدا ئىشلىتىلگەنلىكى، مەشغۇلات جەريانىدا بەزىلىرىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقى ياكى پۇت-قوللىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئاققۇنلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ جىنايەتلىرىنى باشقا ئاجىز دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتمەكتە.