ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ھەققىدە» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بۈگۈن 18-سىنتەبىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىن كۆپلىگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئاكادېمىكلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن باشلاندى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزلىرىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى فەرامۈز ئۈستۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە باشقا مېھمانلار سۆزلىدى.

يىغىننىڭ تۇنجى بۆلۈمى، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ھازىرقى ئەھۋال: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، كىملىك ۋە كۈلتۈر بۇزغۇنچىلىقى» تېمىسىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى لوندون تەمسىلچىسى، «قىرغىنچىلىقنى توختات» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رەھىمە ماخمۇت، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئۆمەر قۇل ۋە قىرغىزىستاندىن دوتسېنت دوكتور ئەكبەر باۋۇدۇن ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، «ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە پۇرسەتلەر» باش تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، دوكتور مەمتىمىن ئابباسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى، دوكتور راخمەتجان يۈسۈپوۋ، فەرھات ئىبراھىموۋ، ئابدۇلجەلىل تۇران ۋە مۆمىنجان رەھمان قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا، «ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتا ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ رولى» باش تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئابدۇلھەمىت قاراخاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، دوكتور ئابدۇلكەرىم بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدراتسىيەسى رەئىسى ھەسەن ئابلىز قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ تۆتىنچى قىسمىدا، «ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتا ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەلىم-تەربىيە ئۇسۇللىرى» باش تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دوكتور مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر، رەنا قاراخان ۋە ئابدۇرېشىت نىياز قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ بەشىنچى قىسمىدا، «دىئاسپورادا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رولى» باش تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، دوكتور بارات ئاچىنۇقنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كانادادىن ئابدۇمۇقتەدىر ئۇدۇن، گوللاندىيەدىن ئەخمەتجان قاسىم، شىۋىتسىيەدىن مائىدە مۇختەر، تۈركىيەدىن تولۇنئاي تەڭرىتاغلى ۋە زۇلەيخا ئۇيغۇر قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئالتىنچى قىسمىدا، «ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتا ئىسلام دىنىنىڭ رولى» تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، دوكتور مەمەت ئىمىن رىياسەتچىلىكىدە پروفېسسور دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا، مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم، مەخمۇت ئىمىن داموللام ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ يەتتىنچى قىسمىدا، «دىئاسپورادا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتا مېدىيانىڭ رولى» تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، شىۋىتسارىيەدىن دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت، دوكتور ئابدۇرەھىم دۆلەت، ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن، ئىپتىخار ئابدۇرېشىت ۋە بەختىيار ئۆمەر قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئەكبەرجان باۋۇدۇن ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى دوكتور رىشات ئابباسنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇ خەۋەر 17 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2025 19:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق