خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 19-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئاتالمىش «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاپ، پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خىتاينىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقاندىن سىرت، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ قاتنىشىپ، سۆز قىلغان. بۇ يىغىن خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە خەۋەر قىلىنماقتا.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ئون بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «خىتاينىڭ ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكى، تارىختىن بۇيان ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلۇپ كەلگەنلىكى»دەك سەپسەتىلەر قايتا تەكىتلەنگەندىن سىرت، خىتاينىڭ 70 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىشغالىيىتىدىن تارتىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانداق باشقۇرغانلىقى، كونترول قىلغانلىقى تۈرلۈك ئويدۇرما، يالغان-ياۋىداقلار بىلەن بايان قىلىنغان.
كىتابتا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغان بولۇپ، «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئويدۇرمىلىرى» دېگەن بىلجىرلاشلىرى تەكرارلانغان. شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن سودا، ئىقتىساد جەھەتتىكى يۈكسىلىشلەر، بالىلار لاگېرلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى قاتارلىق جىنايەتلىرى تۈرلۈك ناملار بىلەن پەردازلىنىپ، ئالاھىدە ئۇتۇق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ
«تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلى»دە تۇرۇۋاتقانلىقىدەك نومۇسسىز ئىبارىلەر قەيت قىلىنغان.
ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشتا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش» قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىبارىلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر كىتابتا خىتاينىڭ ئويدۇرما تارىخىغىمۇ كۆپلەپ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىقى قىلىپ كەلگەنلىكى، ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ياشىغانلىقى، خىتاي تىل-يېزىقىنىڭ ۋە قەدىمىي ئەسەرلىرىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىپ، تارقىلىپ كەلگەنلىكى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچ ئۆزگەرمەي داۋاملاشقانلىقىدەك سەپسەتىلەر نومۇسسىزلارچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە چېگرانى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم رايون ئىكەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئاتالمىش «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە»، «شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالىتى»، «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى»، «شىنجاڭدىكى كەسپىي تېخنىكا مائارىپى تەربىيەلەش خىزمىتى»، «خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كۆپلىگەن ئاق تاشلىق كىتابلارنى ئېلان قىلدى. خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسىدە يالغان-ياۋىداقلار، ئويدۇرما سانلىق مەلۇماتلار، تۈرلۈك سەپسەتىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى ۋە ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلاشقا، پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.