شەرقىي تۈركىستاندىن قىرغىزىستانغا يەنە بىر چېگرا ئېغىزى ئېچىلدى

20-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستان بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى بەدەل تاشيول چېگرا ئېغىزى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تاماملىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن قىرغىزىستانغا ئېچىلغان چېگرا ئېغىزى ئۈچكە يەتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تاماملىنىش مۇراسىمى بەدەل تاشيول چېگرا ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ تۈردىكى 27 يەككە ئىمارەت ھەم يانداش قوشۇمچە قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. مەزكۇر چېگرا ئېغىزىدا 2027-يىلى يىل بويى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە 2023-يىلى 5-ئايدا شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف بىلەن خىتاي−ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە بەدەل چېگرا ئېغىزىنى ئېچىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى، 2024-يىلى 3-ئايدا خىتاي رېجىمىنىڭ بەدەل چېگرا ئېغىزىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەستىقلىغانلىقى، 2024-يىلى 3-سېنتەبىردە ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بەدەل چېگرا ئېغىزى شەرقىي تۈركىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەركەشتام چېگرا ئېغىزى ۋە تورغات چېگرا ئېغىزىدىن كېيىن ئېچىۋېتىلگەن 3-قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2754 مېتىر كېلىدىكەن. 2024-يىلى 7-ئايدا ئىش باشلانغان بۇ تۈرگە جەمئىي 543 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 41 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن چېگرا ئېغىزلىرىنى، ئايرودۇرۇملارنى، قاتناش لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىش ھەرىكەتلىرى، پىلانلىرى ئۆزى دەۋا قىلغىنىدەك شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولماستىن، بەلكى خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ كۆپلەپ جەلپ قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ئاسان ۋە زور تۈركۈمدە توشۇش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنماقتا.

بۇ خەۋەر 99 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2025 18:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق