خىتاينى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە سىستېملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلارغىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجرا قىلىنماقتا.
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بىر ئۇقتۇرۇشى ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە بېيجىڭدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىدا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار تارقىلىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ مائارىپ كومىتېتى بۇ يىل 7-ئايدا مەكتەپلەردىكى «مىللىي دىنىي ئاشخانىلارنى رەتلەش» ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن بېرى بۇ ئۇقتۇرۇش چەت ئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر كۆپ بولغان مەكتەپلەردە پەقەت ھالال تاماقلا تەمىنلەشكە بولمايدىغانلىقى، ئارىلاش تاماق تەمىنلىنىشى كېرەكلىكى، «مۇسۇلمانچە ئاشخانا»، «تۇڭگان ئاشخانىسى» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئايدا ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېت، مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدىكى «ھالال»، «مۇسۇلمانچە ئاشخانا»، «ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئەكىرىشكە بولمايدۇ» دېگەندەك تاختاي، ۋىۋىسكىلار ئېلىۋېتىلگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دىنىي باستۇرۇش جىنايىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلارغىمۇ پەرقلىق دەرىجىدە ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ سىياسەتكە ئاساسەن تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتلىرىنىڭ چېقىلغانلىقى ياكى مەسچىت قۇببىلىرى ۋە مۇنارىلىرىنىڭ خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، بىر قىسىم ئىماملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قۇرئانلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى، ئاشخانىلاردىكى «ھالال» دېگەنگە ئوخشاش ئەرەبچە خەت ۋە ئايەتلەرنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىگە ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشلىرى، سۈرەتلەر كۆپلەپ ئاشكارىلانغانىدى.