چاقماق خەەر

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80-نۆۋەتلىك يىغىنى 22-سېنتەبىر نىيۇيوركتا چاقىرىلغان بولۇپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار «ئىككى دۆلەت چارىسى» مۇزاكىرە قىلىنغان مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلدى ۋە فىرانسىيە قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى.

مەزكۇر ئالاھىدە يىغىن فىرانسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون يىغىندا سۆز قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ پەلەستىننى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە نۆۋەتتە غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ھەققانىي تەرىپى قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قاتناشمىدى.

ئوخشاش كۈندە بېلگىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، مالتا، موناكو، ئاندوررا قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ پەلەستىننى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. ئالدىنى ھەپتە ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە پورتۇگالىيەمۇ پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى 193 دۆلەتتىن پەلەستىننى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلار 150 تىن ئاشتى.

بۇ خەۋەر 68 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2025 18:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق