شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش جىنايەتچىسى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ، 23-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ باردى. ھەر قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تېررور سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەت 25-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىگە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە بارغان بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇلارنى ئايرودۇرۇمدا داقا-دۇمباق، ناخشا-ئۇسسۇللار بىلەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
شى جىنپىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى، ھەربىي خادىملىرى، دىۋىزىيە ئەمەلدارلىرى، ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى پەردازلاشتا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز بىلەن ئالاھىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، خىتاي رەئىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركىزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنىڭ خىتاي ۋە كومپارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەنلىكى، بۇنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى»گە يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
شى جىنپىڭ ھوقۇقنى ئىگىلىگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا بىر نەچچە قېتىم زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق زىيارىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈپ ماڭماقتا. جۈملىدىن شى جىنپىڭ 2014-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، بىر قىسىم بۇيرۇقلارنى بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرىغا قاماش جىنايىتى تېز سۈرئەتتە، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2022-يىلى 7-ئايدا شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ كۈتكىنىدەك ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. بىر يىل ئۆتۈپ، 2023-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىگە يەنە بىر قېتىم تۇيۇقسىز بېرىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.
گەرچە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار تۈرلۈك يوليورۇقلارنى بېرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.