ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىپ كېلىۋاتقان Tik Tok مەسىلىسى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كەلگەن بولۇپ، تىرامپنىڭ بۇ ھەپتە ئالاقىدار كېلىشىمگە ئىمزا قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقساراينىڭ ئاخبارات ئىشلىرى كاتىپى كارولىن لېۋىت 22-سېنتەبىردىكى باياناتىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىداTikTok توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويىدىغانلىقىنى، TikTok ئەپ دېتالىنىڭ ئالگورىزمىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى،ByteDance شىركىتىنىڭ بۇ جەھەتتە كونتروللۇقى بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇ: «پىرېزىدېنت بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى مەلۇم ۋاقىتتا بۇ كېلىشىمگە، يەنى رەسمىي كېلىشىمگە ئىمزا قويىدۇ. مەزكۇر كېلىشىمدىكى شەرتلەرگە ئاساسەن، TikTok نىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ ۋە كەڭ دائىرىلىك دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تور بىخەتەرلىكى سالاھىيىتىگە ئىگە باشقۇرۇش ھەيئىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ» دېگەن.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2020-يىلىدىن باشلاپ TikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن ئورۇكىل شىركىتى بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ،TikTok نىڭ ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك تەمىنلىگۈچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىكەن ۋە TikTok سۇپىسىدىكى بارلىق ئامېرىكىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى مۇستەقىل نازارەت قىلىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرىش ھوقۇقى بولمايدىكەن.
كارولىن لېۋىت بۇ كېلىشىمنىڭ سوممىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ تارىخىي كېلىشىم نەتىجىسىدە TikTok ئىگىدارچىلىرىنىڭ كەلگۈسى تۆت يىلدا ئامېرىكىدا 178 مىليارد دوللىرىغا يېتىدىغان ئىقتىسادىي پائالىيەت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ByteDance شىركىتى TikTok سۇپىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى خالىغان بىر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشى، ئەكسىچە بولغاندا بۇ يىل 19-يانۋاردا ئامېرىكىدىكى تىجارىتىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولسىمۇ، پىرېزىدېنت تىرامپ بۇ مۇددەتنى كۆپ قېتىم كېچىكتۈرگەنىدى. تىرامپ 19-سېنتەبىر ئاقسارايدا TikTok مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ TikTok ھەققىدىكى كېلىشىمگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.