17-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

17-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى 27-، 28-سېنتەبىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇچرىشىش دۇنيا قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى مۇسابىقسىدە بىرىنچى بولغان ئابدۇلكەرىم ئىلەرىنىڭ تىلاۋىتىدىن كېيىن ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇش بىلەن داۋاملاشتى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى خاتىرە فىلىمى قويۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، مىللىي گۆرۈش ئىسلامىي جامائىتى رەئىس ۋەكىلى ئەھمەد فارۇق ئەرگۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى ئەلى سالىھ، خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكى رەئىسى نەجاتى جەيلان، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى باش كاتىبى ئابدۇلجەلىل مۇھەممەد، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، قازاقىستان ۋەكىلى ئەلىشىر خەلىلوف، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئەمىر ھەسەن، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرەم بۇغرا، دارۇلئىمان ئاكادېمىيەسى رەئىسى مەھمۇد ئەمىن، يازغۇچى، ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر، ئىلى مەشرەپ ۋەقفى ۋەكىلى جۈرئەت قۇدرەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران، فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى مۇھەممەد ئەلى ئاتاۋۇللاھ، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى ۋەكىلى ئۆمەر مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، دانىيە ۋەكىلى ئابدۇخېلىل ئاۋۇدۇن، سەئىدىيە ۋەقفى رەئىسى ئوبۇلقاسىم زەرەپشان، يېڭى نەسىل ھەرىكىتىگە ۋاكالىتەن مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سالاملىشىش سۆزى قىلدى.

قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى بىرىنچى مەجلىسىدە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى: بارلىق تەشكىلاتلارغا ئورتاق دەۋا پىرىنسىپلىرى» باش تېمىسىدا ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ۋاز كېچىلمەس پىرىنسىپلار» تېمىسىدا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى: يول خەرىتىسى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوتسېنت، دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى يېڭى خىرىسلارغا تەشكىلاتلار قانداق يۈزلىنىدۇ؟ تەجرىبە-ساۋاق ۋە تەۋسىيەلەر» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئىككىنچى مەجلىسىدە «مىللىي مەجبۇرىيەت: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسلاھاتى» باش تېمىسى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ مەجلىستە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى رىياسەتچىلىكىدە، ئاۋسترالىيەدىن ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم «كۈنىمىزگە قەدەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكەتلىرىگە نەزەر: تەجرىبە ۋە ساۋاقلار» تېمىسىدا، دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت «دەۋا تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يوللىرى» تېمىسىدا، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) ئۇيغۇرچە بۆلۈمى خادىمى، ژۇرنالىست مىركامىل كاشغەرىي «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىنىڭ يېڭى يول خەرىتىسى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى مەجلىس ئۆمەر قاراجىمنىڭ قىرائىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە ئومۇمىي توختالدى. كېيىن سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلدى. ئارقىدىن «ئىسلامىي تەلىماتلار ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا نەزەر» باش تېمىسىدىكى لېكسىيە باشلىنىپ، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، سەئىدىيە ۋەقفى رەئىسى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئوبۇلقاسىم زەرەپشان «ئىسلام تارازىسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا، پىروفېسسور، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار «دىنىي، مىللىي ۋە ئىرقىي جەھەتتىن قېرىنداشلىق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى» تېمىسىدا، ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ ئەر «ئىسلامىي نۇقتىئىنەزەردىن دەۋا ئادەملىرىنىڭ ئەخلاقى» تېمىسىدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن مېھمانلاردىن دوكتور ئابدۇللاھ ئالىم سۆزگە چىقىپ، «ئورتاق دەۋا چۈشەنچىسى ئاساسىدا ھەمكارلىق يوللىرى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئارقىدىن قازاقىستاندىن كەلگەن مېھمانلاردىن نەسىردىنوف ئەيساجان سۆز قىلىپ، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئىككىنچى مەجلىس «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەر قاتلامنىڭ مەسئۇلىيىتى» باش تېمىسىدا داۋام قىلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى زىكرۇللاھ ئالىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، پېشقەدەم پائالىيەتچى ۋە سابىق دىپلومات شەمسىقەمەر ئارتىش خانىم «خىتايغا قارشى كۈرەشتە ئۈنۈملۈك مېتودلار» تېمىسىدا، تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇسالام تەكلىماكان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ياشلار» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋەكىلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت «ياشلار قانداق قىلغاندا دەۋادا ئۆز رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالايدۇ» تېمىسىدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئارقىدىن ئەركىن سوئال-جاۋاب، مۇزاكىرە باسقۇچى باشلىنىپ، پىروفېسسور، دوكتور نۇرئەخمەت قۇرباننىڭ يېتەكچىلىكىدە، بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، خاتالىقلار ۋە توسالغۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە بۇنىڭغا قارىتا قوللىنىشقا تېگىشلىك چارىلەر ۋە ھەرخىل تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ خاتىمىسىدە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىككى كۈنلۈك يىغىننىڭ خۇلاسە سۆزىنى قىلدى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ تۇنجى خىزمەت باشلىغان كۈنلىرىدىن بۈگۈنگىچە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەرنى، قانداق ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ۋە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە بۇندىن كېيىنكى باسقۇچتا بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملەر ھەققىدە توختالدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئالىملار، يۇرت چوڭلىرى، ياشلار ۋەكىللىرى قاتارلىق ئەللىككە يېقىن كىشى بىلەن سەھنىگە چىقىپ، «17-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»نىڭ خۇلاسە باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

باياناتتىن كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ باشچىلىقىدىكى دۇئا بىلەن بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

بارلىق سۈرەتلەر ئۈچۈن: 

https://www.facebook.com/photo/?fbid=1617206293033988&set=pcb.1617207093033908

https://www.facebook.com/photo/?fbid=1617209273033690&set=pcb.1617209763033641
https://www.facebook.com/photo?fbid=1617275723027045&set=pcb.1617276049693679

https://www.facebook.com/photo/?fbid=1617312796356671&set=pcb.1617313163023301

https://www.facebook.com/photo/?fbid=1618257432928874&set=pcb.1618257692928848

https://www.facebook.com/photo?fbid=1618408012913816&set=pcb.1618408102913807

https://www.facebook.com/photo?fbid=1618425316245419&set=pcb.1618425406245410

 

بۇ خەۋەر 196 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2025 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق