لوندوندىكى بىر سوت مەھكىمىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىفىرلىق پۇل ئالدامچىلىقىدا باش رول ئوينىغان بىر خىتايغا سوت ئاچقان بولۇپ، ئۇ سوتتا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان. مەزكۇر شىفىرلىق پۇل ئالدامچىلىقى چېتىشلىق سومما تەخمىنەن 7.4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
ئەنگلىيە لوندون ساقچى باشقارمىسىنىڭ بىر باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، چيەن جىمىن ئىسىملىك خىتاي ئايال 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، خىتايدا كەڭ كۆلەملىك ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان، بۇ جەرياندا 128 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئالدانغان بولۇپ، ئوغرىلانغان پۇللار بىتكوين شەكلىدە ساقلانغان.
2018-يىلىدىن تارتىپ بۇ خەلقئارالىق پۇل يۇيۇش تورىغا قارىتا يەتتە يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، 47 ياشلىق چيەن جىمىن دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدا ئاخىر جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭدىكى جەمئىي 61 مىڭ بىتكويننى مۇسادىرە قىلغان.
لوندون ساقچى باشقارمىسى چيەن جىمىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ساختا ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ، خىتايدىن ئەنگلىيەگە قېچىپ بارغانلىقىنى ۋە لوندون، دۇبەي قاتارلىق جايلاردىن قىممەت باھالىق ئۆي سېتىۋېلىش ئارقىلىق، قانۇنسىز پۇللىرىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتقان.
مەزكۇر خىتاي نۆۋەتتە قاماقتا بولۇپ، سوتنىڭ بۇ دېلو توغرۇلۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتىكەن.