ئىشغالىيەتنىڭ 76-يىلىدا ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

1-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 76 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە باشقا 17 تەشكىلاتنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىشغالىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈش ۋە ئىشغالىيەتچى خىتايغا قارشى تۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 

چۈشكە يېقىن باشلانغان نامايىشتا ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلدى. بۇ قېتىمقى ئاخبارات باياناتى تۆت تىلدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئالدى بىلەن  شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا تۈركچە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قانداق بېسىپ كىرگەنلىكىنى ۋە بۈگۈنگىچە ئىجرا قىلىۋاتقان ساناقسىز جىنايەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە نۆۋەتتىكى جازا لاگېرى سىياسىتى بىلەن مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقاتقانلىقىنى، ئەپسۇسكى، دۇنيانىڭ بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى تۈركىيەدىكى ئۆزىنى سىياسەتچى ياكى ئاخباراتچى دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرىدىغان بەزى شەخسلەرنىڭمۇ خىتايلارنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ سۆزىدە يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ پەقەتلا خەلققىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى بارچە نەرسىگە كېڭەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە قانخور شى جىنپىڭنىڭ نەچچە كۈن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، مىڭلىغان كىشىنىڭ قولىغا گۈل تۇتقۇزۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ جىنايەتلەر ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ۋە تۈرك دۇنياسىدىن كۈتىدىغىنى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرمىساڭلارمۇ، خىتايغا قارشى تۇرمىساڭلارمۇ، ھېچبولمىسا بىزنىڭ قارشىمىزدا تۇرماڭلار، بىزگە قارشى خىتاينىڭ سېپىدە تۇرماڭلار» دېدى. 

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى يوقاتقاندىن كېيىن، نە تۈرك دۇنياسى، نە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ساق قالىدىغانلىقىنى، ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم قەلئە رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلىش ئۈچۈن سەھنىگە چىقتى ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىنى، شۇنداقلا تۈرك خەلقىنى ۋە تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننى خىتاينىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جىنايەتلىرىگە قارشى ئەمەلىي قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئېلان قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر سەھنىگە چىقتى ۋە ئىشغالىيەتنىڭ 76-يىلىدا نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قايسى ھالغا كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن كۈتىدىغانلىرىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

 

ئارقىدىن ئىسلام دۇنياسى ۋە ئەرەب دۇنياسىغا خىتاب قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 76 يىلدىن بۇيان توختاۋسىز ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىلچە باش ئەگمىگەنلىكىنى، ئەپسۇسكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى، ئىسلام دۇنياسى، ئۆلىمالار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كۈتىدىغانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن ئابدۇللاھ ئوغۇز سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەزىل بىر ئىشغالىيەتچى بىلەن قانداق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كۈرەشنىڭ ماھىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ تۈرك خەلقىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەسلىتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ دىيارلاردىكىلەرنى ئۆز قېرىندىشىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ياتنىڭ ياتتىن كۈتىدىغانلىرىنى ئەمەس، بەلكى بىر قېرىنداشنىڭ قېرىنداشتىن كۈتىدىغانلىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن بولسا «رېئال سىياسەت» قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبلىرىنى پۇچۇلاۋاتقان نۇقتىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن تاشلاپ قويۇلۇشتەك تەرىپلىگۈسىز تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.   

ئارقىدىن دارۇلئىمان ئاكادېمىيەسى رەئىسى مەھمۇد ئەمىن داموللام سۆز قىلدى ۋە خىتاينىڭ ساناقسىز جىنايەتلىرىدىن بىرى بولغان كۆز بويامچىلىق جىنايىتىنى قايسى تەرىقىدە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈردى ۋە خىتايغا ئالدىنىۋاتقانلارنى ئاگاھلاندۇردى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى ۋەكىلى دىلشات بارىشچى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى ۋە خىتايدىن ئىبارەت جىنايەت گۇرۇھىنىڭ چوقۇم ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ چوقۇم قۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىردا ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن جامائەت مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن نامايىش ئاخىرلاشتى.

1-ئۆكتەبىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ خىتايغا قارشى نامايىشلار ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن نارازىلىقىنى، غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1057 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2025 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق