شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قايتىپلا دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەققىدە يىغىن ئاچتى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 29-سېنتەبىر «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدا 22-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ئاچقان ۋە يىغىنغا شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ: «ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك» دەپ چالۋاقىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ مەزكۇر چۈشەندۈرۈشتىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ دىن خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى، خىتايدا پەقەت دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقاندىلا، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، مىللەتلەر ئېجىللىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش مۇقەررەر تەلەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاتالمىش «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

شى جىنپىڭ يەنە تارىخنى نومۇسسىزلارچە بۇرمىلىغان ھالدا: «خىتايدىكى ھەرقايسى دىنلار باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلانغاندىلا، ئاندىن ساغلام ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتىپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

شى جىنپىڭ يەنە ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەرنى كۈچەيتىش، تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش،  خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن قايتىپلا بۇ خىل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشى ۋە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش نامىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن پەرقلىق بولغان ھەرقانداق مەدەنىيەت ۋە دىننى يوقىتىشتەك رەزىل سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 826 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2025 20:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق