قېنى مەن ئارزۇ قىلغان تەشكىلاتلىرىمىز؟

يازغۇچى: مىر كامىل كاشغەرىي
ماقالىنى ئاۋازلىق ئاڭلاش ئۈچۈن:

https://www.youtube.com/watch?v=2VjIv7ETJVY&t=257s

بۇنىڭدىن يىللار بۇرۇن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە چارە-تەدبىرلەر» سەرلەۋھىسى ئاستىدا يېزىلغان، شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنلىرىدا تەلەپ بويىچە بىر قانچە قېتىم سۇنۇلغان ماقالەم بۈگۈنمۇ ئالدىمىزدا بىر كومپاس كەبى تۇرماقتا. ئەمما مېنى قايتا قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلغان نەرسە – تېخىچە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ 10 يىل ئىلگىرى سۆزلەنگەن شۇ ئۆلچەملەرگە لايىق بولالماسلىقى، ھەمدە شۇ كومپاسنىڭ ئۈستىنى قاپلىغان ۋە ھېچ تارقىمىغان چاڭ-توزان بۇلۇتىدۇر. شۇڭلاشقا، ئىلگىرىكى ماقالىنىڭ ئاساسى ئۈستىگە بۈگۈنكى رەھىمسىز رېئاللىقلار بىلەن يېڭى بىر قەۋەت بىنا قۇرۇشقا، شۇ تەدبىر-تەكلىپلەرنى مۇھىم بىر لاياقەت ئۆلچىمى سۈپىتىدە قايتا سۇنۇشقا مەجبۇرمەن.

چۈنكى دۇنيا، بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ-قۇرالمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆز پۇتىدا تىك تۇرالىشىغا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل ئىشلىتىپ-ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىغا قاراپ باھالايدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارىغانلار: «بۇ ئىنسانلار ھەقىقەتەنمۇ مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىۋاتقان ئىنسانلارمۇ؟ ياكى پەقەتلا ھېسسىياتچان، بىر-بىرىنى غاجاپ چىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان تارقاق گۇرۇپپىلارمۇ؟» دەپ سورىماقتا.

بۈگۈن ئۆزىمىزدىن سەمىمىي ۋە رەھىمسىزلەرچە سورىشىمىز كېرەك بولغان ئەڭ ئاساسلىق سوئال شۇ:

بىز، ئالدىراش كۆرۈنۈش بىلەن ئىلگىرىلەشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدۇقمۇ؟ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان يىغىنلار، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى، نامايىشلار، نەگىلا بارساق تەشكىللىك يىغلاپ، خىتاينى لەنەتلەشتىن باشقىنى بىلمەسلىكىمىز ئاز كەلگەندەك، باشقا دۆلەتلەردىنمۇ خىتاينى تىللاپ بېرىشتىن باشقىنى تەلەپ قىلىشنى بىلمەسلىكتەك ئىستراتېگىيەلىك كورلۇقىمىز... بۇ بارلىق جىددىي ۋە ھاردۇرغۇچى پائالىيەتلەر، بىزنى ئاسارەت زەنجىرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشتەك ئاخىرقى نىشانىمىزغا قانچىلىك يېقىنلاشتۇردى؟

ئەگەر بىر زاۋۇتتىكى ماشىنىلار توختىماي ھەرىكەت قىلىپ، بازاردا خېرىدارى يوق، نۇقسانلىق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارسا، بۇ پەقەت ئېنېرگىيە، ۋاقىت ۋە ئۈمىدنىڭ ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە بولماي نېمە؟

بۇ ماقالە، پائالىيەت ھارغىنلىقى ئىچىدە يوقاپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، ھەر بىر قەدەمنى ئاڭلىق، ھەر بىر ھەرىكەتنى ئۆلچەملىك ۋە ھەر بىر ئىلگىرىلەشنى ئاخىرقى نىشانغا مەركەزلەشتۈرگەن بىر ئىلگىرىلەشكە ئايلاندۇرۇش چاقىرىقىدۇر.

مۇز تاغنىڭ ئاستىدىكى ئىستراتېگىيەلىك كورلۇق

چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ تۇتۇلۇش، تاقىلىش ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئەمەس. پائالىيەتلىرىمىز قانۇنىي رامكا ئىچىدە راھەت مېڭىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تەشۋىقاتى، ئىچىمىزگە كىرگۈزۈۋەتكەن پىتنە-پاساتچىلىرى ياكى ئىچكى تالاش-تارتىشلارمۇ ئەمەس، چۈنكى بۇلارمۇ پۇختا ئىنتىزام ۋە تەربىيە ئارقىلىق يېڭىش مۇمكىن بولغان ئالامەتلەردۇر.

ئەسلى ۋە ئەڭ چوڭ خەۋپ – تەشكىلاتنىڭ نىشانسىز ھەرىكەت قىلىشى، بىر ھەرىكەت پىروگراممىسىنىڭ بولماسلىقى ۋە ئېنىق بىر يېتەكچى ئىدىيەدىن مەھرۇم ھالدا 70 يىلدىن بۇيان ئۆز ئورنىدا قىمىرلىماي تۇرۇشىدۇر. مەسىلىمىزنىڭ ئىسمى «پائالىيەت ھارغىنلىقى» ۋە «ئىستراتېگىيەلىك سۆرەمپالاسلىق (Strategic Drift)» دۇر.

بىر ماشىنىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى: ئۇنىڭ ماتورى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق V8 ماتور، سەمىمىيەت، پىداكارلىق ۋە ئېنېرگىيە بىلەن لىق تولغان. ئەمما بۇ كۈچلۈك ماتور، ئون يىللار بۇرۇنقى، چاقلىرى تۆشۈك، رولى سۇنۇق، دات باسقان بىر ماشىنا گەۋدىسىگە ئورنىتىلغان. گازنى ھەر باسقىنىمىزدا ماتور گۈركىرەيدۇ، غايەت زور شاۋقۇن–سۈرەن ۋە كۆپ ئىس-تۈتەك چىقىرىدۇ، بولۇشىغا يېقىلغۇ سەرپ قىلىدۇ، ئەمما ماشىنا توغرا خوتقا، ئۆلچەملىك سىستېمىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولمىغاچقا، ئورنىدا گۈركىرەپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمايدۇ. مانا بۇ، دىئاسپورادىكى تەشكىلات قۇرۇلمىمىزنىڭ ئاچچىق خۇلاسىسىدۇر.

ئىستراتېگىيەلىك سۆرەمپالاسلىق – بىر تەشكىلاتنىڭ، تاشقى دۇنيا ۋە شارائىت تۈپتىن ئۆزگىرىۋاتقان بىر دەۋردە، ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدىغان كونا ئادەتلىرى ۋە راھەت ئورۇندۇقىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ، بېخارامان پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا تەسىرسىزلىشىشىنى، ئەھمىيەتسىزلىشىشىنى ۋە ئاخىرىدا يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىئاسپورادىكى 70 يىلدىن ئاشقان تەشكىلاتلىنىش تارىخىمىز، ئەپسۇسكى، قىسمەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇشۇنداق ھەرىكەتسىزلىك بىلەن ئۆتتى. تەشكىلاتلار، مەلۇم بىر سىستېمىلىق يېتەكچى ئىدىيە ۋە پىروگرامما ئەتراپىدا ئەمەس، شەخسلەرنىڭ نوپۇزى ئەتراپىغا توپلانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ شۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە باغلىق قىسمەتتىن قۇتۇلالمىدى. بۇ تارىخىي ساۋاقتىن تولۇق ئىبرەت ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر قانچە قېلىپلاشقان پائالىيەتنىڭ سىرتىغا چىقالمىغان تەشكىلات قۇرۇلمىلىرىمىز كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.

ئەڭ رەھىمسىز مىسال: كوداكنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشى

فوتوگرافىيە ساھەسىدىكى گىگانت شىركەتلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرى بولغان كوداك، 1975-يىلى رەقەملىك فوتو ئاپپاراتنى تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان شىركەت ئىدى. ئەمما بۇ ئىنقىلابىي ئىجادىيەت، ئۆز باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن «جەلپ قىلارلىق بىر ئويۇنچۇق» دەپلا چۈشىنىلگەن ئىدى. چۈنكى كوداك رەھبەرلىكى، ئۆزىنى «ئىنسانلارنىڭ ئەسلىمىلىرىنى مەڭگۈلەشتۈرىدىغان بىر تېخنولوگىيە شىركىتى» دەپ ئەمەس، بەلكى «كىنو پىليونكىسى ۋە فوتوگراف قەغىزى ساتىدىغان خىمىيە شىركىتى» دەپلا تەسەۋۋۇر قىلاتتى. ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى، «قىلىۋاتقان ئىشى» (پىليونكا سېتىش) بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، «نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت ئىكەنلىكى»نى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك كورلۇق، خاتا ۋەزىيەت ئانالىزى ۋە ئۆزگىرىشنى رەت قىلىدىغان رادىكال شىركەت مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ ئاچچىق ۋەيرانچىلىققا مۇبتىلا بولۇپ تارىخقا كۆمۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.

بىز ئۈچۈن ئەڭ جىددىي سوئال: تەشكىلات غايىمۇ ياكى ۋاسىتىمۇ؟

دۇنيادىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ پاتقاق – مەقسىتى بىلەن ۋاسىتىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشىدۇر. مەلۇم بىر نىشانغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلات، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىنى باشقىلاردىن خىزمەت، پىداكارلىق كۈتىدىغان بىر تۈپكى غايىگە ئايلاندۇرىۋالىدۇ. بايلىقلار، ۋاقىت ۋە تالانتلار؛ دەۋانى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئورنىغا، تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسى ۋە نوپۇزىنى قوغداش ئۈچۈنلا سەرپ قىلىنىشقا باشلايدۇ.

ئەمدى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى! بىز، مەۋجۇتلۇق سەۋەبىنى «نامايىش ئۆتكۈزۈش، بايانات ئېلان قىلىش، خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىش، تەشكىللىك يىغلاش» دەپ ئېنىقلىما بېرىدىغان پائالىيەت شىركەتلىرىمۇ؟ ياكى مەۋجۇتلۇق سەۋەبى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش» بولغان، نەپەس ئېلىۋاتقان جانلىق بىر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمۇ؟

مەسئۇللىرىمىز ھەر دائىم مۇنۇ سوئالنى ئۆزىدىن سوراپ تۇرۇشى كېرەك: «قولىمىزدىكى بايلىقلارنىڭ (پۇل، ۋاقىت، ئادەم كۈچى) قانچىلىك قىسمىنى ھازىرقى تەشكىلات قۇرۇلمىمىزنى قوغداشقا، قانچىلىك قىسمىنى دەۋانى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەرپ قىلىۋاتىمىز؟» ئەگەر ئېنىقلىمىمىز ئىككىنچىسى بولسا، قىلغان ھەر بىر پائالىيىتىمىزنىڭ بۇ ئاخىرقى مەقسەتكە خىزمەت قىلىپ-قىلمىغانلىقىنى بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ئىنچىكىلىكى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ، پايدىسى بولمىغان ھەر قانداق نەرسىنى، كوداكنىڭ مودىسىدىن قالغان پىليونكىلىرىغا ئوخشاش، رەھىم قىلماي تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلاشقا مەجبۇرمىز.

ئىستراتېگىيەلىك سۆرەمپالاسلىقنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتى: ۋەتەندىن ئۈزۈلۈپ قېلىش

بۇ سۆرەمپالاسلىقنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق نەتىجىسى پەقەت جۇغراپىيەلىك ئۈزۈلۈپ قېلىشلا ئەمەس، بەلكى روھىي ۋە ئۇچۇر جەھەتتىكى ئۈزۈلۈپ قېلىشتۇر. 70 يىلدىن ئاشقان دىئاسپورا تارىخىدا، جۇغراپىيەلىك يىراقلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پىسخولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇچۇر جەھەتتىكى بىر ھاڭغا ئايلاندى. تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىنى، ئەمدى شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر يېزىنىڭ جانىجان ئېھتىياجى ياكى خىتاينىڭ يېڭى بىر ئاسسىمىلياتسىيە تاكتىكىسى، شۇنداقلا ۋەتەندىكى خەلق بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى دىئاسپورا ئىچىدىكى تار دائىرىلىك تالاش-تارتىشلار ۋە ساھىبخان دۆلەتلەردىكى سىياسىي كېلىماتنىڭ شاماللىرى بەلگىلەيدىغان بولدى. بىر خەلقنى قۇتقۇزۇشنى نىشان قىلغان تۇرۇغلۇق، شۇ خەلقنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىغا، ئۈمىدلىرىگە ۋە قورقۇنچلىرىغا ياتلىشىپ قېلىشتىنمۇ چوڭراق پاجىئە بولمىسا كېرەك.

يول كۆرسەتكۈچى نۇر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكمىتى ۋە زامانىۋى ئىستراتېگىيە

چارىنىڭ روھى ۋە ئەخلاقىي كومپاسى، ئالەملەرنىڭ سەردارى ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۈرەش مېتودىنى پەقەت بىر ئېتىقاد مەسىلىسى دەپلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي بىر ئىستراتېگىيە ۋە رەھبەرلىك ئىلىمى سۈپىتىدە قايتا چۈشىنىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك دەۋانىڭ دەردى بىلەن كېچىلىرى ئۇيقۇسىز قالمىغان، قۇتۇلۇش ئۈچۈن چارە ئىزدەپ تىپىرلاپ تۇرىدىغان بىر ئىرادىگە، تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقىغا ۋە پىداكارلىققا ئىگە بولماي تۇرۇپ، دەۋانى ئىلگىرى سۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

ھەبەشىستان ھىجرىتى: بۇ، پەقەت بىر زۇلۇمدىن قېچىشلا ئەمەس، بەلكى مەككىدە بوغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان دەۋاغا نەپەس ئالدۇرغۇدەك ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق يارىتىش، دەۋانىڭ ساداسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىققان تۇنجى دىپلوماتىك لوبىچىلىق پائالىيىتى ۋە ھەر بىر ئەقىللىق رەھبەرگە ئوخشاش بىر «B پىلانى» تەييارلاش ھەرىكىتىدۇر.

تائىف سەپىرى: بۇ، رەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چىقىلغان، ئۈمىدسىز بىر سەپەر ئەمەس؛ مەككە بازىرىنىڭ بۇرۇقتۇملىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىر رەھبەرنىڭ، يېڭى بازارلارنى ئىزدەۋاتقان بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئوخشاش قىلغان «يېڭى زېمىن ۋە ئىتتىپاقداش ئىزدەش» ھەرىكىتىدۇر. چالما-كېسەك قىلىنىشى بولسا، ھەر بىر ئۇلۇغۋار تەسەۋۋۇر ئىگىسى تۆلەيدىغان قانلىق بىر بەدەلدۇر.

«نېمە ئۈچۈن؟» دەپ سوراشنىڭ ئالتۇن ھالقىسى

زامانىۋى رەھبەرلىك ئىلمىنىڭ ئۇستازى سايمن سىنەك (Simon Sinek)، «ئالتۇن چەمبەر» نەزەرىيەسىدە ئىلھامبەخش رەھبەرلەرنىڭ سىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئىنسانلار سىزنىڭ «نېمە» قىلغىنىڭىزنى سېتىۋالمايدۇ، سىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن» قىلغىنىڭىزغا ئىشىنىدۇ. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىمىز، توختىماي «نېمە» قىلىۋاتقانلىقىمىزنى سۆزلەپ، بۇنى قايسى ئۇلۇغ «نېمە ئۈچۈن»گە خىزمەت قىلدۇرىۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلىيالماسلىقىمىز ۋە شۇ سەۋەبتىن ئىلھام بېرىش كۈچىمىزنى يوقىتىشىمىزدا.

ھەرىكەت مودېلى: بىيۇروكراتىيەدىن جانلىق ھەرىكەتكە ئۆتۈش

توغرا دىئاگنوز ۋە پۇختا پەلسەپىدىن كېيىن، نۆۋەت بۇ تەسەۋۋۇرنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جانلىق، ئەقىللىق ۋە نەتىجە مەركەزلىك بىر ھەرىكەت مودېلىغا كېلىدۇ.

رەھبەرلىك: «باغۋەن رەھبەر»، پەراسەت ۋە مۇتلەق مەسئۇلىيەت

رەھبەر، پەقەت بۇيرۇق ياغدۇرىدىغان بىر قوماندان ئەمەس، بىر باغۋەندۇر. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت نىشان كۆرسىتىشلا ئەمەس، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىشتۇر. مۇلايىملىق، كەمتەرلىك بىلەن، دۈشمەنگە قارشى تاكتىكا جەھەتتە مۇرەسسەسىز ئىستراتېگىيەلىك رېئال ئەمەلىيەتچىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، قۇشى ئۆلۈپ كەتكەن كىچىك بىر بالىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۆيىگىچە بېرىشى، رەھبەرلىكنىڭ ئەڭ چوڭ سىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قەلبىلەرنى فەتىھ قىلىش ۋە ئىنسانىي ئىستىخباراتنىڭ (HUMINT) چوققىسىغا يېتىش. رەھبەر، ئۆزى مەسئۇل بولغان رايوندىكى ئەڭ يىراقتىكى بىر ئەزانىڭمۇ دەردىدىن خەۋەردار بولۇشى ۋە شۇ دەردىگە يېتىشكە ئالدىرايدىغان بىر يۈرەككە ئىگە بولۇشى كېرەك.

بۇ پەيغەمبەرچە مودېلنى 21-ئەسىردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يولى، «ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرى» ۋە بىخەتەر «ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كارىدورى» قۇرۇشتۇر. رەھبەر، پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان جەمئىيەتنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق (ئىجتىمائىي قۇرۇلما) خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشى كېرەك. گېرمانىيەنىڭ 1970-يىللاردا قەيسەرىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى كوچىمۇ-كوچا، ئادەممۇ-ئادەم ئانالىز قىلغىنىدەك، بىر رايونغا يۆنىلىش بەلگىلەش ئۈچۈن ئۇ رايون ھەققىدە تولۇق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش شەرت. بۇ دەل، قۇشى ئۆلۈپ كەتكەن كىچىك بىر بالىدىنمۇ ۋاقتىدا خەۋەردار بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. بۇنداق «ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرى» بولماي تۇرۇپ تاشلانغان ھەر بىر قەدەم، قاراڭغۇلۇققا ئېتىلغان ئوقتۇر.

بۇ ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئۇسۇللار:

ئىنسانىي تورلارنى كۈچەيتىش (تۆۋەن تېخنىكا، يۇقىرى ئىشەنچ): ئائىلە رىشتىلىرىگە ئوخشاش ئاساسلىق ئىنسانىي تورلار ئارقىلىق، شىفىرلىق ۋە ۋاسىتىلىك ئالاقە تېخنىكىلىرى بىلەن ۋەتەندىن كېرەكلىك ئۇچۇر ئېقىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش.

تور بىخەتەرلىكى ۋە دېگىتال ساۋات: دىئاسپورادىكى ھەر بىر ئەزانىڭ، ئاساسىي دېگىتال بىخەتەرلىك ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بۇ ھەقتە ئۈزلۈكسىز تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش.

ئوچۇق مەنبەلىك ئىستىخبارات (OSINT) بىرلىكى: خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان رەسمىي ھۆججەتلەر، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە شىركەت دوكلاتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئىچكىرىدىكى ۋەزىيەتنى تاشقىرىدىن تولۇق ئوقۇپ تۇرىدىغان كەسپىي بىر ئانالىز بىرلىكى قۇرۇش.

رەھبەر چوقۇم «ھەر بىرىڭلار بىر پادىچى، ھەر بىرىڭلار ئۆز پاداڭلاردىن مەسئۇلسىلەر» دېگەن ھەدىس-شەرىفنى ئۆزىگە ئاساسىي قانۇن دەپ بىلىشى، «قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قولى ياقامدا بولىدۇ» دېگەن ئاڭ بىلەن مۇتلەق مەسئۇلىيەتچانلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

كونا سۆرەلمە قوشۇندىن دىنامىك ئالاھىدە قىسىمغا ئۆتۈش

كۈرەشچان بىر تەشكىلاتنىڭ توختاق ھالەتتە تۇرۇپ قېلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان، نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتچان بىر قۇرۇلمىغا ئايلىنىشى شەرت. بىيۇروكراتىيەنىڭ ئورنىغا، لايىھە ۋە پىلان ئاساسىدا ئىشلەيدىغان «ئالاھىدە قىسىم ئەترەتلىرى»گە ئوخشاش جانلىق بىرلىكلەرگە ئېھتىياجىمىز بار. بىر «دېگىتال لوبىچىلىق ئەترىتى»، بىر «دوكلاتلاشتۇرۇش ئەترىتى»، بىر «گۇۋاھلىقلارنى ئارخىپلاشتۇرۇش ئەترىتى» ۋە ئەڭ مۇھىمى بىر «ئىجتىمائىي قۇرۇلما خەرىتىسى سىزىش ۋە ئانالىز قىلىش ئەترىتى» قۇرۇشىمىز لازىم.

بۇ ئەترەتلەر، ئىستراتېگىيەلىك يادرو تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن (ۋەزىپە) يۆنىلىشىدە، «قانداق» قىلىشقا كەلگەندە تاكتىكىلىق مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.

كۆپ قاتلاملىق ئىستراتېگىيە ۋە ئىجتىھاد روھى

ھېسسىي ئىنكاسلارنىڭ ئورنىغا، كەسپىي، سەۋرچان ۋە نەتىجە مەركەزلىك، كۆپ قاتلاملىق بىر ئىستراتېگىيەگە ئۆتۈشىمىز كېرەك. ھەر بىر ھەرىكەتنى باشلاشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى 4 سوئالغا جاۋاب بېرىلىشى لازىم: نىشان نېمە؟ ئىستراتېگىيە نېمە؟ ئېھتىياجلار نېمە؟ ئېھتىياجلارنىڭ تەمىناتى قانداق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ؟

قىسقا مۇددەتلىك، يۇقىرى تەسىرلىك ھەرىكەتلەر

مەقسەت، ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە «يالغۇز ئەمەسسىلەر» دېگەن ئۇچۇرنى بېرىپ، روھىي جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇش. ئۇلارغا «ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىنمۇ مانا مۇشۇنداق دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك ئىش كېلىدىكەن» دېگۈزەلەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچلىرىنى ئويغىتالايدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم.

دۇنيانى ۋە خىتاينى زىلزىلىگە سالىدىغان چوڭ ۋەقەلەرنى يارىتىش:

مەقسەت، ھازىرقى توختاق ھالەتنى بۇزۇپ، خىتاينى مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتكۈزۈش. ئاددىي مىسال: «قانۇنىي ئاتوم بومبىسى» ئارگېنتىنا ياكى ئىسپانىيەگە ئوخشاش «ئومۇمىي ئەدلىيە باشقۇرۇش ھوقۇقى» پرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر دۆلەتتە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارى ھەققىدە كونكرېت دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن بىر دەۋا ئېچىش. ئۇنىڭ ھەققىدە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ چىقىرىلىشى، خىتاي ئۈچۈن دىپلوماتىك بىر قاباھەت، خەلقىمىز ئۈچۈن بولسا غايەت زور بىر پىسخولوگىيەلىك غەلىبە بولىدۇ. شۇنىڭدەك دۈشمەننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئاجىزلىق نۇقتىسىنى ياخشى بايقاپ، بىر قانچە قەھرىمان بىلەن زەربە بېرىش ئارقىلىق ھەر قانچە كۈچلۈك دۆلەتنىڭمۇ ئېتىبارىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغىلى بولىدىغان، خەلقئارانىڭ شۇ دۆلەتكە بولغان ئىشەنچىنى ۋەيران قىلىپ، چەتئەللىك مەبلەغچىلەرنى ئۇلاردىن قاچۇرىدىغان، ھەتتا دۇنيادا يېتىم قالدۇرىدىغان ئىشلارنى قىلغىلى بولۇشى تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن كېتىدىغىنى پەقەتلا بىر قانچە جان ۋە ياخشى بىر ئىستىخبارىي مەلۇمات ۋە ياكى ئۆگىنىشىمىز كېرەكلىك بەزى مۇھىم تېخنىكىلار... ھەر قانداق بىر چوڭ كۈچنى تىز چۆكتۈرۈش ياكى لاغ-لاغ تىترىتىش ئۈچۈن چوقۇم تەڭ دەرىجىدە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىمىزنىڭ بولۇشى شەرت ئەمەس.

ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق ۋە كۆڭۈل كۆۋرۈكى:

دەۋايىمىزنىڭ يالغۇزلۇقى، ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىمىزدۇر. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئالدىدا جىم تۇرغان دۆلەتلەردىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىز، ئۇلارنى ئەيىبلەشتىن بەكرەك بىۋاسىتە خەلقلىرىنىڭ ۋە ئالىملىرىنىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىشىمىز كېرەك. «بۇ مەسىلە، پەقەت بىر زېمىن مەسىلىسى ئەمەس، ئىسلامنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان بىر خەنجەر، 21-ئەسىرنىڭ ئەندەلۇسى ۋە ئۈممەتنىڭ غۇرۇر سىنىقىدۇر. شۇنداقلا بۇ دەۋا، تۈرك كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكىنىڭ پەريادىدۇر» دېگەندەك ۋىجداننى ئويغاتقۇچى سۆزلەر بىلەن ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاممىۋىي جەمئىيەتلىرى، زىيالىيلىرى ۋە ياشلىرى ئارا ئۈزۈلمەس رىشتىلەرنى قۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

قانۇنلۇق مۇداپىئە ۋە تەڭپۇڭسىز كۈچكە قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقى

بىر خەلق، ئومۇميۈزلۈك يوقىتىلىش تەھدىتى ئاستىدا تۇرغاندا ۋە بارلىق دىپلوماتىك ئىشىكلەر يۈزىگە تاقالغاندا، خەلقئارا قانۇن ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ئۆزىگە بەرگەن قانۇنلۇق مۇداپىئە ھوقۇقىنى قوللىنىش تاللىشىنى ئىستراتېگىيەلىك بىر زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە قولىدا تۇتۇشى كېرەك. تارىخ، فرانسىيە قارشىلىق ھەرىكىتىدىن تارتىپ ئالجىرىيە، ۋيېتنام ۋە ئىرېلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگىچە، تەڭپۇڭسىز كۈچكە قارشى قارشىلىقنىڭ، دەرىجىدىن تاشقىرى بىر كۈچنىمۇ تىز پۈكتۈرەلەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بۇ، تېررورلۇق ئەمەس، بىر دەۋانى رومانتىك خىياللاردىن چىقىرىپ رېئاللىق زېمىنىغا ئولتۇرغۇزۇش ئىرادىسىدۇر. خىتاينى ئۆز ئۆيىدە بىئارام قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلالىغۇدەك يوشۇرۇن كۈچىمىز، ئەڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك سودىلىشىش كوزىرىمىز بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن پولاتتەك بىر تەلىمات، مۇتلەق مەخپىيەتلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ئاۋانگارتلىرىمىز ۋە سىڭىپ كىرگىلى بولمايدىغان بىر تەشكىلات ئاساسى قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشىمىز شەرت.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان روھ – ئىجتىھاد روھىدۇر. ئىجتىھاد، پەقەت رەھبەرلەرگىلا خاس ئەمەس، ھەر بىر ئەزا ئىگىلىشى كېرەك بولغان، ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتقا ئاساسەن تېزلىكتە يېڭى پوزىتسىيە ئېلىش ۋە پايدىسىز ئەنئەنىلەردىن جاسارەت بىلەن ۋاز كېچىش قابىلىيىتىدۇر. دۈشمىنىمىز ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىۋاتقاندا، بىز 20 يىل بۇرۇنقى ئۇسۇللار بىلەن ئۇرۇش قىلالمايمىز. كۈچىمىز گەۋدىدە ئەمەس، چاققانلىقتا، ئەقىلدە ۋە قىسقا مۇددەتلىك يېنىك ئىستراتېگىيەلەردە.

مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى قۇرۇلۇش: جىھاد روھىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۈلگە بولۇش

دەۋا، قەلبىلەرگە ۋە زېھىنلەرگە خىتاب قىلىدىغان، شۇ دەۋانىڭ روھىنى كۆتۈرگەن ئىنسانلار بىلەن غەلىبە قىلىدۇ.

جىھاد روھىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش

جىھاد، «تىرىشىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىش» دېمەكتۇر. بۇ، ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك بىر كۈرەش روھىدۇر.

نەپىس بىلەن جىھاد (يەنى ئەڭ چوڭ جىھاد): ھەر بىر ئەزايىمىزنىڭ، ئەخلاقى، تىرىشچانلىقى، سەمىمىيىتى بىلەن ئىسلامغا ۋە مىللىتىگە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىش تىرىشچانلىقىدۇر.

مال بىلەن جىھاد: دەۋانىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىش، زاكات ۋە سەدىقىلەر بىلەن كۈرەشنى قوللاش تىرىشچانلىقىدۇر. شۇنداقلا ئىقتىسادىي ساھەدە دۇنيانىڭ گىگانت شىركەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ۋە ئوخشاش ئۈستەلدە ئولتۇرالايدىغان كارخانىچىلارنى يارىتىش، ئۇلارغا يول ئېچىش، ساھەسىنىڭ سۆز ئىگىسى بولالىشى ئۈچۈن لوبىچىلىق قىلىشتۇر.

تىل ۋە قەلەم بىلەن جىھاد: ھەر بىرىمىزنىڭ، ئۆزىمىزنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا، مەكتەپتە، خىزمەت ئورنىدا دەۋايىمىزنىڭ بىر باياناتچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرۈش تىرىشچانلىقىدۇر.

جان بىلەن جىھاد: كېرەك بولغاندا، قانۇنلۇق مۇداپىئە ھوقۇقىنى قوللىنىشتىن چېكىنمەيدىغان قەتئىي ئىرادىدۇر.

يېڭى قەھرىمانلارنى يارىتىش ۋە داستانلاشتۇرۇش: ئەمدى پەقەت مەزلۇملۇق ھېكايىلىرىنى سۆزلەش يېتەرلىك ئەمەس. قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ، ئەقىلنىڭ ۋە غۇرۇرنىڭ قەھرىمانلىرىنى يارىتىشىمىز لازىم. دىئاسپورادا ئىلىم-پەن، سەنئەت ياكى تەنتەربىيە ساھەسىدە نەتىجە قازانغان ھەر بىر ياشلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مىللىي بىر زەپەر سۈپىتىدە تەبرىكلىشىمىز كېرەك بولغانغا ئوخشاش، بۇ دەۋا ئۈچۈن تىنماي خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلارنىمۇ ۋاقتى-ۋاقتىدا مۇكاپاتلاپ ياشلىرىمىزغا ئۈلگە يارىتىشقا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

ئىجتىمائىي ئۈلگە بولۇش ھەرىكىتى: «مەن بىر ۋەكىل»

ئەڭ چوڭ كۈچىمىز، ھەر بىر ئەزايىمىزنىڭ ئۆزىدۇر. ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ قەلبىگە مۇنۇ ئىدىيەنى سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك:

«مەن كوچىدا مېڭىۋاتقاندا پەقەت ئۆزۈمگىلا ئەمەس، 35 مىليونلۇق بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىمەن. مېنىڭ خاتالىقىم، مىللىتىمنىڭ خاتالىقىدۇر؛ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىم، مىللىتىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدۇر

ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە كۈچى يەتمەيدىغان يۈكنى يۈكلىمەيدۇ (بەقەرە سۈرىسى، 286-ئايەت). ئەگەر بۇ ئېغىر ئىمتىھانغا دۇچ كەلگەن بولساق، بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلەيدىغان كۈچنىڭ بىزگە ئاللىقاچان بېرىلگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆز كۈچىمىزنى بايقاش، سىستېمىلىق ئىشقا سېلىش بىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىمىز. چۈنكى دەس ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز پۇتىغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ تەقدىرى باشقا پۇتلار ئاستىدا يانجىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

بىزنى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تىك تۇرغۇزىدىغىنى، ئۆز كۈچىمىزنى تەشكىللىك ئىشلىتىشتۇر، ھەرگىزمۇ تەشكىللىك يىغلاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئەمەس.

تارىخنىڭ ئوبيېكتى ئەمەس، سۇبيېكتى بولۇش ۋاقتى

«بۇلارنى دېيىش ئاسان، قىلىش تەس» دېگەن جۈملە، راھەت ئورۇندۇقتىن قوپماسلىق ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان ئەڭ خەتەرلىك باھانىدۇر. شۇنداق، دەل مۇشۇ راھىتىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتقانلار سەۋەبىدىن ھەرىكەتسىز، توختاق تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ سانى كۆپىيىپ بارماقتا.

ئىسلام ۋە ۋەتەن دەۋاسىنى ئالقىشلار ئارىسىدا، گۈلىستان باغلاردا ياكى راھەت ئورۇندۇقلاردا ئېلىپ بارماقچى بولغانلار، ئەبەدىي ئولتۇرغان يېرىدە قېلىشقا مەھكۇمدۇر. بۇ يول، پىداكارلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدىغان بىر ئىرادە يولىدۇر.

ئالدىمىزدا ئىككى تاللاش بار: يا شىكايەت قىلىپ، بىر-بىرىمىزنى ئەيىبلەپ، ۋەتەن بىلەن بولغان باغلىنىشىمىزنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، تەسىرسىز پائالىيەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ، تارىخنىڭ ئېقىمىدا لاي-لاتقىدەك ئېقىپ يۈرگەن بىر «ئوبيېكت» بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ياكى ئەقلىمىزنى، ئىمانىمىزنى ۋە ئىرادىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ مۇقەددەس دەۋانى زەپەرگە ئېلىپ بارغان ۋە تارىخنى قايتىدىن يازغان بىر «سۇبيېكت» (ئىجادكار) غا ئايلىنىمىز.

مانا بۇلار 10 يىلدىن بۇيان مەن تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ۋە تەشكىلاتلىرىمىزدىن كۈتىۋاتقان ئارزۇلار ئىدى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئەمدى قۇرۇق ئېمىزگىگە گول بولىدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتتىم، مەن شەخسەن يۇقىرىدىكى ئۆلچەملەرگە چۈشىدىغانلىقىنى ئەمەلىي ئىسپاتلىمىغىچە تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ھېچبىرىنى قوللىمايمەن.

ئاللاھ، تەشكىلاتلىرىمىزنى پاسسىپ ۋە توختاق قۇرۇلمىلارغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ، ھەر بىرىنى، يالغۇز شەرقىي تۈركىستانغىلا ئەمەس، پۈتۈن مەزلۇم ئىنسانىيەتكە ئۈمىد نۇرى بولالايدىغان بىر پەراسەتكە، بەسىرەتكە ۋە تەۋرەنمەس بىر ھەرىكەت كۈچىگە ئىگە قىلسۇن. ئامىن.

بۇ خەۋەر 679 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2025 21:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق