تەيۋەن سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنت لەي چىڭدېنىڭ بىر سابىق ياردەمچىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك گۈللىنىش پارتىيەسىدە خىزمەت قىلغان باشقا ئۈچ كىشىنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتىمۇ بېكىتىلگەن.
BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، تۆت يىلدىن ئون يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن. ھۆكۈمنامىدە جاسۇسلۇقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقانلىقى ۋە مۇھىم دىپلوماتىك ئۇچۇرلارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە يەتكۈزۈشكە چېتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئالدىنقى ھەپتە جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان تۆت كىشىنىڭ ئىچىدە يېڭى تەيبېي شەھىرى سابىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ياردەمچىسى خۇاڭ چۇرۇڭنىڭ جازاسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، 10 يىل كېسىلگەن. بۇ تۆت كىشى 6-ئايدا دېموكراتىك گۈللىنىش پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، بىر ئايدىن كېيىن ئەرز سۇنۇلغان. مەزكۇر خادىملار خىتايغا ئۇچۇر تەمىنلەش ئارقىلىق، نەچچە يۈز مىڭ دوللار ھەققە ئېرىشكەن.
دېموكراتىك گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر سابىق خىزمەتچىسى چيۇ شىيۈەن نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت لەي چىڭدېنىڭ سابىق ياردەمچىسى ۋۇ شاڭيۈدىن مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن. لەي چىڭدې مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە ۋۇ شاڭيۈ ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغان ۋە 2024-يىلى لەي چىڭدې پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن، بۇ ۋەزىپىنى قىسقا مۇددەت داۋاملاشتۇرغان. ۋۇ شاڭيۈ پىرېزىدېنت لەي چىڭدېنىڭ چەت ئەل سەپىرى جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى باشقا جاسۇسلارغا تەمىنلەپ بەرگەن.
بۇ تەيۋەندە يۈز بەرگەن جاسۇسلۇق دېلولىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ، تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2024-يىلى 64 كىشىنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە تەيۋەننىڭ پېنسىيەگە چىققانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.