خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە ۋە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى، نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
28-سېنتەبىر شىۋېتسىيە پايتەختى ئىستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئىشغالىيىتىگە، زۇلمىغا قارشى «تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا ئىستوكھولمدا ياشايدىغان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار قاتناشقان. نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلىرى بىلەن، غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈشتى.
1-ئۆكتەبىر ئامستېردام دام مەيدانىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا خىتايغا قارشى گۇرۇپپىلار بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا بايانات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشى قويۇلدى. پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالىيىتىگە قارشى، نورۋېگىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش جەريانىدا ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى سىراجىدىن پەتقۇللانىڭ كۈچلۈك خىتابلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھاياجان قوزغىدى.
ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەر خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، ئىشغالىيىتىگە قارشى مەيدانىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئادىلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 1-ئۆكتەبىر ئادىلەيد شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار تۈرلۈك شوئارلار بىلەن خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىغا قارشى غەزىپىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۇندىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن، خىتاينىڭ 70 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشقان ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈشتى.