ئامېرىكىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى قايتا تىلغا ئېلىندى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتە 2025-يىللىق «ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكى قايتا تەكىتلەندى.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي رېجىمى باشچىلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلە ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا رايونلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئالاقىدار جىنايەتلەرنى توختىتىشقا ھەققىدە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە، يەنى 3-دەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن. 3-دەرىجە بولسا «ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ۋە بۇنى توختىتىشقا تولۇق كۈچ چىقارمىغان دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باھالاشتىكى ئاساسلىق قورال بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقلارنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەرنى 1-دەرىجىدىن 3-دەرىجىگىچە رەتكە تىزىپ كەلگەن. بۇ دوكلات ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن دەرىجىگە تىزىلغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش قارارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن.

خىتاينىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، قۇل ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلىتىش جىنايىتى ئىزچىل تەرىقىدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلارمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى ھازىرغا قەدەر بۇ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلماقتا ۋە تۈرلۈك باھانىلەر، ساختا تەشۋىقاتلار ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ جىنايەتلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 6301 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2025 19:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق