2-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى ليۇياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىپ، نەچچە يۈزلىگەن دىرونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوت تاماشىبىنلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇردەك چۈشكەن.
خىتاينىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كەچ ۋاقتى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتتە ئوت ئورۇنلاشتۇرغان نەچچە يۈزلىگەن دىرون ئارقىلىق تۈرلۈك شەكىللەر چىقىرىلىپ، تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىلگەن. ئەمما كۈتۈلمىگەندە مەسىلە كۆرۈلۈپ، دىرونلاردىكى ئوتلار يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىغان.
ۋىدىيولاردا ئوت قاپلىغان دائىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ ئىكەنلىكى ۋە قېچىۋاتقان خىتايلارنىڭ قىيا - چىيالىرى ئاڭلانغان بولسىمۇ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋەقەدە ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ھەتتا ھېچكىمنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
بۇ بايانلارغا خىتايلارمۇ گۇمان بىلەن قارىغان بولۇپ، تور دۇنياسىدىكى بىر قىسىم ئىنكاسلاردا كۆيۈپ يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى يېزىلغان.
خىتاي شىركەتلىرى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى دىرون ساھەسىنى مونوپول قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، خىتايلار تۈرلۈك پائالىيەتلەردە زور تۈركۈمدىكى دىرونلارنى بىرلا ۋاقىتتا كونترول قىلىپ، تۈرلۈك شەكىللەرنى چىقىرىش ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى تېخنىكىسىنى كۆز-كۆز قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق ۋەقەگە ئوخشاش مەسىلىلەر بىخەتەرلىك ھەققىدە قايتا ئەندىشە قوزغىماقتا.