خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ماتمو بورىنىنىڭ تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بوراننىڭ سەلبىي تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رايوندىكى 151 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سۇ بايلىقلىرى مىنىستىرلىقى گۇاڭدۇڭ، خەينەن، يۈننەن ۋە گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردا 4-دەرىجىلىك ئېقىن كونترول ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلغان. جەنجياڭ شەھىرىدە تۈنۈگۈندىن باشلاپ بارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ماتمو بورىنىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ خىتاي قىرغاقلىرىدا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ساياھەت شەھىرى خەينەن ئارىلىدا جىددىي تەدبىرلەر قوللىنىلغان.
ئارالنىڭ مەمۇرىي مەركىزى خەيكۇدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بۈگۈن كەچقۇرۇندىن باشلاپ بارلىق ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەسلىدە مەزكۇر ئايرودۇرۇمنىڭ خىتايدا 1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان «دۆلەت بايرىمىلىق» دەم ئېلىش ھەپتىسىدە 632 مىڭ يولۇچىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنگەنىكەن.
بوراننىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش خەۋپى سەۋەبىدىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە خوڭكوڭدىمۇ ئاپەت جىددىي ئەھۋال دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىكلەرنىڭ تىلىدا «كۈچلۈك يامغۇر» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ماتمو بورىنى تىنچ ئوكياندا 2025-يىلى بوران پەسلىنىڭ 21-قاتتىق بورىنى قاتارىدا ئەنگە ئېلىنغان.
سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىرغا يەتكەن بوراننىڭ كېيىنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىدىن شىمال-غەربكە قاراپ ھەرىكەتلىنىپ، گۇاڭشى ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر