خىتاي ئۆز بايرىمى ئاسسىمىلياتسىيە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللانماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈلتۈرىنى، بايراملىرىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، ئۆز بايراملىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مەجبۇرىي تېڭىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ «بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزگەنلىكى»، بىر قىسىم ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان ئائىلە»لەرنىڭ مۇكاپاتلانغانلىقىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «دۆلەت بايرىمى» بىلەن خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى خىتايلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ پائالىيەتلەرنى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش»، «قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى يولغا قويۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىق تېررور ئىبارىلىرى بىلەن ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.

خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى، زىياپەت، ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بىللە تاماق يېگەنلىكىنى، ئۆي-ئۆيلەرگە خىتايلارنىڭ پانۇسلىرى ئېسىلغانلىقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نامى ئاستىدا پەردازلاپ خەۋەر قىلغان.

خەۋەرلەردە توقسۇ ناھىيەسىدىكى پائالىيەتلەر مىسال تەرىقىسىدە قەيت قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتتە 16 جۈپنىڭ ئاتالمىش «ئەڭ گۈزەل قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئائىلە» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نازارەت قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر خىتاي ئائىلىلىرىنى تۇغقانلاشتۇرۇش» تېررور سىياسىتىنى ھېلىھەم قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1246 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2025 11:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق