شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى (ETHR) ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى 4-ئۆكتەبىر بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دوكلاتنى تونۇشتۇردى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى ئېچىلىش سۆز قىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ سابىق رەئىسى ۋە نۆۋەتتىكى پەخرىي رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىينىڭ ۋەزىپە مۇددىتىدىكى خىزمەتلىرى، نەتىجىلىرى تەقدىرلەندى ۋە سوۋغات تەقدىم قىلىندى. ئارقىدىن جەمئىيەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئىتى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا 2025-يىللىق پىراكتىكا پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسىم پىراكتىكانتلىرى ئايرىم-ئايرىم قىسقا لېكسىيە سۇندى. ئارقىدىن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىلدان كادىئوغلى سارىياشار «شەرقىي تۈركىستاننىڭ دېھقانچىلىق ۋە يېمەكلىك ساھەلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: خەلقئارالىق كۆرۈنۈش ۋە تۈركىيەگە نىسبەتەن سىياسىي خەۋپلەر» ناملىق دوكلاتنى تونۇشتۇردى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا 2025-يىللىق شەرقىي تۈركىستان پىراكتىكا پىروگراممىسىنىڭ تاماملانغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، خۇلاسىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەزكۇر پىروگراممىنىڭ تەتقىقات، ئىنسان ھەقلىرى دىپلوماتىيەسى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پىراكتىكا نەتىجىسىنى، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاخىردا پىراكتىكانتلارغا سوۋغات تەقدىم قىلىندى.