OpenAI شىركىتى خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق ھېسابلارنى تاقىۋەتتى

 سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى باشلامچى شىركەتلەردىن بىرى بولغان OpenAI خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق بىر تۈركۈم ChatGPT ھېسابلىرىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى، مەزكۇر ھېسابلارنىڭ شەخسلەرنى نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، OpenAI شىركىتى 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ئاممىۋى تەھدىت دوكلاتى»دا بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ChatGPT دىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى نازارەت قىلىش، پايلاش قورالى لايىھەلەشنى ۋە باشقا نازارەت پىلانلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان.

OpenAI شىركىتى خىتاي تىلىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ھېسابلارنى تاقىغان بولۇپ، مەزكۇر ھېسابلار تور قىلتىقى، ۋىرۇس دېتالىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلاردىن سىرت، OpenAI شىركىتى يەنە رۇس تىلى ئىشلىتىدىغان جىنايەت گۇرۇھىغا چېتىشلىق بىر نەچچە ھېسابنىمۇ تاقىغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى 2-ئايدىن بۇيان OpenAI شىركىتى 40 تىن ئارتۇق گۇمانلىق تورنى بايقاپ چىققان ۋە چەكلىگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇم قىلغان.

بۇ خەۋەر 6771 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2025 18:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق