ئوغۇزنامە داستانى ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدە نەشر قىلىندى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەب تاييىب ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ گەبەلە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك تۈرك دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، ئورتاق ئېلىپبەگە ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان بۇ ھەقتە تۇنجى قەدەمنى تۈركىيەنىڭ باسقانلىقىنى ئېيتىپ: «ئورتاق ئېلىپبە مەسىلىسىدە تۈركىيە تۇنجى قەدەمنى باسىدۇ. چىڭغىز ئايتماتوف تونۇشتۇرۇلغان بىر ئەسەر ۋە ‹ئوغۇزنامە›نى ئورتاق ئېلىپبە بىلەن نەشر قىلىۋاتىمىز. بۈگۈن رەھبەرلەرگە بۇلاردىن بىردىن سوۋغات قىلىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا: «تۈرك دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئېرىشىشىمىز كېرەك بولغان نۇقتىغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېتىشىمىز ئۈچۈن، كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز ۋە بۇ ساھەگە زور مىقداردا ئورتاق مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك. سۈنئىي ئەقىل جەھەتتە دۇنياۋى تەرەققىياتقا يېتىشىش ۋە مەدەنىيەت بايلىقىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن، تۈركچە چوڭ تىل مودېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئەردوغان سۆزىدە يەنە: «ئوخشاشلا، تۈرك دۇنياسى نەشرىياتچىلىق ئۇچرىشىشىنى كېلەر يىلى يانۋار ئېيىدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. 30-ئۆكتەبىردىن باشلاپ سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 43-ئومۇمىي يىغىنىدا 15-دېكابىرنىڭ ‹دۇنيا تۈرك تىلى ئائىلىسى كۈنى› دەپ ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزبېك قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ مۇھىم ئومۇمىي يىغىننى تەشكىللەشتە ھازىردىن باشلاپ مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان مەزكۇر يىغىندا يەنە تۈرك دۆلەتلىرىنى رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىرىپ: «بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىدە نۇرغۇن جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىيالايدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 7325 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2025 19:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق